قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىناق يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى ياڭ، جاڭ يۈنمېي

2019.05.30 10:57 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شېنجېندىن كەلگەن ساياھەتچىلەر قەشقەر شەھىرىدىكى بىر قول ھۈنەر بۇيۇملىرى دۇكىنىدا تاۋارلارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا (5- ئاينىڭ 15- كۈنى تارتىلغان). (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى)

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى. جەزمەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى نۆۋەتتىكى كۈرەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئامما مۇداپىئە كۆرۈش، ئامما تۈزەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، پولات سېپىل قۇرۇش، ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرۇش كېرەك.

  − شى جىنپىڭ

  ئىلاۋە

  2014- يىلى 5- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 29- كۈنىگىچە، مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى چۆرىدەپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى يېتەكچى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ يامرىشىنى توسۇش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي - ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.» بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولدى. بۈگۈندىن باشلاپ گېزىتىمىزدە «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىلدا − مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى» مەخسۇس ئىستونى تەسىس قىلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى نامايان قىلىنىدۇ.

  5- ئاينىڭ 19- كۈنى «جۇڭگو ساياھەت كۈنى»، شۇ كۈنى ئەتىگەندىلا قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدا خىزمەتچى خادىملار چىرايلىق كىيىنىپ شەھەرگە كىرىش مۇراسىمىنى باشلىدى، ئېسىل مىللىي ئۆرپ - ئادەت ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرى ساياھەتچىلەرنى ئىختىيارسىز قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى. خۇشال مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، ساياھەتچىلەر ئاھالىلەر بىلەن ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى، ئارقىدىن ئۇلار بىرلىكتە قەدىمىي شەھەرگە كىردى. مىغ - مىغ ساياھەتچىلەر، قىزغىن تىجارەتچىلەر، بۇلارنىڭ ھەممىسى تېخىمۇ قايناق ساياھەت پەسلىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى.

  مۇقىملىق پايدىسىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە «شىددەتلىك» ئېشىش بارلىققا كەلدى. ئادەملەر كۆپەيدى، ئىشەنچ ئاشتى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ كۈچەيدى، ھەربىر گۇرۇپپا يۇقىرىغا ئۆرلەش ئىسترېلكىسى شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىزاھاتى بولۇپ قالدى.

  مۇقىملىق پايدىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى راۋاجلاندۇردى

  قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى بىر ياغاچ جابدۇق دۇكىنىدا، دۇكان ئىگىسى ئوسمانجان ھۈسەن ئەتىگەندىلا دۇكىنىنى پاكىز تازىلاپ، تىجارەت باشلىماقچى بولۇۋاتاتتى.

  كەينى - كەينىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئوسمانجان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانىدى. ئۇنىڭ ياغاچ جابدۇق دۇكىنى ئىلگىرىكى بەش - ئالتە كىۋادرات مېتىردىن ھازىرقى 40 كىۋادرات مېتىر ئەتراپىغا كېڭەيتىلدى، بۇلتۇر ئۇ يەنە يېڭىدىن 120 كىۋادرات مېتىرلىق دۇكان ئاچتى. «ھەر كۈنى مېھمانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ، بەزىدە ئائىلىمىزدىكى ئۈچ - تۆت ئادەمنىڭ ھەممىسى يېتىشەلمەي قالىمىز» دېدى ئوسمانجان.

  بۇ يىل 1- ئايدىن 4- ئايغىچە، قەشقەر شەھىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 1 مىليون 239 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.8 ئاشتى. «1- ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە 199 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %370.3 ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى.

  قەشقەرلا ئەمەس، قاناستىن تىيانشان بوغدا كۆلىگىچە، بايىنبۇلاقتىن تەكلىماكانغىچە ساياھەتچىلەرنىڭ مىغىلداپ كېتىشى نورمال ھالەتكە ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر شىنجاڭدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي قالدى.

  مۇقىملىق پايدىسىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى. ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت مۇقىم ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئۇچۇر ئېقىمى ئېلىپ كەلدى.

  «بۇلتۇر 10- ئاينىڭ باشلىرىدا، بىز 20 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان كەسىپلەر باغچىسى تۈرى ئۈرۈمچىگە ماكانلاشتى، بۇ تۈر مېتال يېڭى ماتېرىياللىرى تۈرى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تۈرى ۋە يەر شارىۋى تەمىنلەش زەنجىرى تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ بىزنىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسىدە ئېلىپ بارغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىمىزنىڭ بىرى» دېدى دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا جېڭۋېي خەلقئارا گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ۋېنيىن.

  ئەمەلىيەتتە رەسمىي ھەمكارلىشىشتىن ئىلگىرى، ۋاڭ ۋېنيىننىڭ كۆڭلىدە سوئال بەلگىلىرى بار ئىدى: ئۈرۈمچى قانداق؟ بۇ جاي مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە ماس كېلەمدۇ - كەلمەمدۇ؟ ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، بۇ «سوئال بەلگە»لىرى «ئۈندەش بەلگە»لىرىگە ئۆزگەرتىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا كېلىشىم ئىمزالاشتىن ئۇل سېلىشقىچە، بۇ كارخانا 17 كۈنلا سەرپ قىلىپ، شىنجاڭغا ماكانلىشىشنى تېز سۈرئەتتە تاماملىدى.

  2018- يىلى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى. رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %6.1 ئاشتى، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى %4.5 ئاشتى، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى %5.2 ئەتراپىدا ئاشتى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاندى.

  ئىقتىساد تەرەققىي قىلىش بىلەن بىللە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشى، روھىي قىياپىتى، ھەرىكەت شەكلىدىمۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى. بۈگۈنكى كۈندە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلار كۆپەيدى، گىرىم قىلىدىغان ئاياللار كۆپەيدى، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىدىن پۇتۇڭخۇادا سۆزلىيەلەيدىغانلار كۆپەيدى، ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ تۇغقىنى كۆپەيدى، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى كۆپەيدى... يېڭى قاراش ئاساسىي قاتلامنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى بارلىققا كەلتۈردى، يېڭى ئۆزگىرىشلەر يېزىلارغا يېڭى قىياپەت ئېلىپ كەلدى.

  مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلى مۇستەھكەملەندى

  تىنچلىق، مۇقىملىق كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇسى، تېخىمۇ مۇھىمى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت - سائادىتى.

  شىنجاڭدا مۇقىملىق پايدىسىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چۆرىدەپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشكە، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلەشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىدىن بولغان.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئۈنۈملۈك، ئەسقاتىدىغان ياخشى مېخانىزم، ياخشى تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئېتىپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭدا ئۇدا ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى يۈزبەرمىدى، جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

  − كەسكىن، مۇرەككەپ كۈرەش ۋەزىيىتىگە قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىز تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

  − قەتئىي ھالدا ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاساسىي ئېقىم ساداسى كۈچەيتىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ مۇجەسسەملەندى.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئىستىل قۇرۇلۇشى ئارقىلىق پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى يېڭىلاندى. ھەر مىللەت ئامما بەس - بەستە ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ ئىدىيەۋى قارىشى ئۆزگەردى، روھىي ھالىتى ئۆزگەردى، كادىرلارنىڭ ئىستىلى ئۆزگەردى. كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىنتىلىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كەڭ كادىرلارنىڭ ئىنتىلىشى ۋە ھالىتىگە ئايلاندى؛ مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە قارىتا، بارغانسېرى كۆپلىگەن كادىر دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلدى؛ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى جەڭ مەيدانىدا، بارغانسېرى كۆپلىگەن كادىر ئاۋانگارتلاردىن بولدى، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلدى.

  بەش يىلدىن بۇيان، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق تۈركۈملىگەن كادىر ساداقىتىنى بىپايان چېگرا رايونغا نەقىشلەپ، چىن مۇھەببەت ئۇرۇقىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا چېچىپ، ئاساسىي قاتلامغا قۇدرەتلىك مۇقىملىقنى قوغداش كۈچى، نامراتلارنى يۆلەش كۈچى، تەرەققىيات كۈچى قوشتى. بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىدا كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغانغا ئايلانماقتا.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى - خىزمەتچى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى. 2018- يىلىلا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ھەر مىللەت ئاممىغا داۋالىنىش، ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مىليونلىغان ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى. ئاممىنى قوزغاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

  جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش «مۇقىم بەخت» ئېلىپ كەلدى

  ئاقسۇ شەھەرلىك تەجرىبە ئورمانچىلىق مەيدانى تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىدىكى شياڭلىن مەھەللىسى شەھەر بىلەن يېزا تۇتاشقان يەرگە جايلاشقان بولۇپ، كۆچمە نوپۇس %90نى ئىگىلەيدۇ. ئۆيى ئىچكىرى ئۆلكىدە قالغان بۇ «پەسىل قۇشلىرى»نىڭ كۆپىنچىسى سودا كوچىسىدا سودا قىلىدۇ.

  5- ئاينىڭ 20- كۈنى دۈشەنبە، مەھەللىدە يىغىن ئېچىلىپ بولغاندىن كېيىن، خۇامېي گەزمال دۇكىنىنىڭ مەسئۇلى يەن گۈيشياڭ قوشنا نەچچە دۇكاننى ئارىلىدى، «لاۋلى، دۇكىنىڭىزنىڭ ئەخلىتىنى ئىشىك ئالدىغا قويماڭ.» «مېھمان كەلسە ئاپتوموبىلىنى رەتلىك توختاتسۇن، قالايمىقان توختاتسا سەت كۆرۈنۈپ قالىدۇ ھەم بىخەتەر بولمايدۇ.» ھەرقايسى دۇكاندىكىلەر بىر - بىرلەپ: «يەن ھەدە، بىلدىم» «ھازىرلا قىلىمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

  بۇ يەردە ئىلگىرى بەش قەدەمدە بىر يايما، ئون قەدەمدە بىر دۆۋە ئەخلەت ئۇچرايتتى. ھازىر دۇكانلار رەتلىك، چىرايلىق، يوللار تۈز، پاكىز. ئاقسۇ شەھىرى دۇكان ئىگىلىرى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق سودا كوچىسى رايونىدا «پۈتۈننى پارچە قىلدى»، دۇكاندارلار بىرلىكتە مۇھىتنى تۈزىدى، بىرلىكتە تەرەققىياتنى پىلانلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، مەھەللە كادىرلىرى «دۇكاندارلارنىڭ خىزمەتلەرنى تېخىمۇ قوللاۋاتقانلىقى»نى ھېس قىلدى، دۇكاندارلار «ئىشلارنى باشقۇرىدىغانغا ئادەم بار بولدى» دەپ ئىنكاس قىلىشتى.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈردى. «چوڭ - كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم بار، بۇ بىزنىڭ ئورتاق يۇرت - ماكانىمىز بولغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە قوغدىشىغا موھتاج» دېدى يەن گۈيشياڭ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالىتى بولغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنى تايانچ قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىشىنى ئاساسىي قاتلامدا بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشقا يېتەكلىدى ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولدى.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى پارتىيە ئىشلىرى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى، مالىيە ئىشلىرىدىن ئىبارەت ئۈچنى ئاشكارىلاشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، ئىشلارنى كېڭىشىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كەنت قائىدىسى، خەلق ئەھدىنامىسى، مەھەللە ئەھدىنامىسى تۈزۈپ، ئاممىنى «ھەممىنى ئېنىق بىلىدىغان» خوجايىنغا، «پاك ئىش قىلىدىغان» باش رولچىغا ئايلاندۇردى؛ خوتەن ۋىلايىتى جەمئىيەت، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق ئامما ئۆزى ئىدارە قىلىپ، ئۆزى باشقۇرىدىغان تەشكىلاتتىن 8600دىن كۆپرەكنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولدى؛ قومۇل شەھىرى بازار، مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى قاتارلىق ئامما دائىم توپلىشىدىغان ئورۇنلاردا «ئاھالىلەرنىڭ ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش نۇقتىسى»دىن 586نى تەسىس قىلىپ، بىر قاتار «ئەلرايى يېشىل يولى»، بىر تۈركۈم «ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش دائىرىسى»نى شەكىللەندۈرۈپ، نۇرغۇن زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلدى.

  بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ساھەسى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى ھەم بىر قاتار چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. جەمئىيەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش «مۇقىم بەخت» ئېلىپ كەلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ