مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا 16 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان ئىشسىز ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى يولغا قويۇلىدۇ

2019.05.30 10:55 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ما بېي): كەسپىي ساپاسىنى باھالاش، «ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى» تۈزۈش، كەسپىي ياكى تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىگە ئوقۇشقا تونۇشتۇرۇش... ئىشسىز ياشلار توپىنى جەمئىيەتكە چىقىرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىز «ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پىلانى»نى يولغا قويۇپ، ئۇزۇن مۇددەت ئىشسىز قالغان ياشلار توپىنىڭ ئەمگەككە قاتنىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، «ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى» 16 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان ئەمگەك ئىقتىدارى بولغان، ئىشسىز قالغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان ياشلارغا قارىتىلغان بولۇپ، خىزمەت ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى قاپلىغان ياردەم بېرىش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىدىكەن ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىكەن.

  شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇزۇن مۇددەت ئىشسىز قالغان ياشلار توپىنىڭ ئاقىلانە كەسىپ تاللىشى، ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، «ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى بىرلىككە كەلگەن ئىشسىز ياشلارنىڭ ھەقىقىي ئىسىمى ئۇچۇر سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ، ئىشسىز قالغان ياشلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالى، ئىشسىزلىق سەۋەبى، خىزمەت ئىزدەش مۇددىئاسى، ماھارەت سەۋىيەسى قاتارلىق ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىشسىزلىق ھالىتى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش، سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى توغرا خاتىرىلەپ، ئىشسىز قالغان ياشلارنى ھەرىكەتچان، دەل جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ