مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

6-ئايدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتوموبىل ۋە شوپۇرلۇق باشقۇرۇشقا دائىر 10 تۈرلۈك خەلققە قولاي تەدبىرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ

2019.05.30 10:53 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ مېڭيۈ، ئىختىيارىي مۇخبىر ساۋ مىن): 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ساقچى تارماقلىرى ئاپتوموبىل ۋە شوپۇرلۇق باشقۇرۇش كەسپىگە دائىر 10 تۈرلۈك خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. 5-ئاينىڭ 23-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىنىڭ ئاخباراتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىلى يولغا قويۇلغان 20 تۈرلۈك «بىر قېتىمدا بېجىرىش، دەرھال بېجىرىش، يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش، توردا بېجىرىش»تىن ئىبارەت جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش بويىچە «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى تەدبىرلىرى ئاساسىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بۇ يىل يەنە جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش بويىچە «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلققە قولاي 10 تۈرلۈك مۇلازىمەت تەدبىرىنى يولغا قويىدىكەن، ئاپتونوم رايونىمىزمۇ يېقىندا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويىدىكەن.

  پات ئارىدا يولغا قويۇلىدىغان 10 تۈرلۈك يېڭى تەدبىردە ئىككى چوڭ جەھەتتىكى ئىسلاھات نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ بەش تۈرلۈك كەسىپ: «باشقا جايدا ئورتاق بېجىرىش»، بەش تۈرلۈك مۇلازىمەتنى «قولايلىق تېز بېجىرىش»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، «باشقا جايدا ئورتاق بېجىرىش» كەسپى كىچىك ئاپتوموبىل شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشتا «مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش ئىمتىھان ئېلىش»، تارماق ئىمتىھانلارنى باشقا جايدا بېرىش، چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئۆلكە ئىچىدىكى باشقا جايدا ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىش، ئاپتوموبىل نوپۇسىنى يۆتكەشنى باشقا جايدا بېجىرىش، موتسىكلىت تەكشۈرتۈشتە «مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش تەكشۈرۈش»تىن ئىبارەت بەش خىل كەسىپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. «قولايلىق تېز بېجىرىش» كەسپى ئاپتوموبىلنى رەنىگە قويۇشنى تىزىملاشتا ماتېرىيال ۋە ھالقىنى ئاددىيلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت «ئىككىنى ئاددىيلاشتۇرۇش»نى يولغا قويۇش، ئەسلىدىكى نومۇر تاختىسىنى ئىشلىتىشتە يېڭىدىن «ئىككىدە قولايلىق بولۇش»نى كۆپەيتىش، ئاپتوموبىل 4S دۇكانلىرىنىڭ ۋاقىتلىق ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىنى ۋاكالىتەن تارقىتىشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى ئۇچۇرلىرىنى «تورلاشتۇرۇپ تەكشۈرۈش»نى يولغا قويۇش، قاتناش باشقۇرۇش ئاۋازلىق مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىنى كېڭەيتىشنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك مۇلازىمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  كېيىنكى قەدەمدە، قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يۈرۈشلۈك تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدىكەن ھەمدە ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا بولغان ھەيدەكچىلىك ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، توردا ۋە تور سىرتىدا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نورمالسىز كەسىپلەردىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئادىل، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ