مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىغا ئېرىشتۈردى

  ــــ شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن كەلگەن دوكلات

2019.05.30 10:53 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لۇ فېڭباۋ، رېن جياڭ، شيې لۇڭ، ۋاڭ چىمىڭ

  پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن سىجىل شۇغۇللىنىپ تەرەققىياتنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ قىممەت بوشلۇقىنى ئۆستۈرۈش، بايلىقتىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلانما پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ جۇڭتەي(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ھەم ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى شىركەتلەر تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى.

  ■ پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش

  «ئالدى تەرەپتىكى بۇ باكقا قاراڭ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قايناۋاتقان ماددىنىڭ خام ئەشياسى باكقا كىرگۈزۈلۈپ خىمىيەلىك رېئاكسىيەدىن كېيىن، دىخلوروئېتان ھاسىل بولىدۇ، دىخلوروئېتاننى ئورگانىك ئېرىتكۈچى سۈپىتىدە ئۆزىمىز ئىشلەتسەكمۇ ياكى ساتساقمۇ بولىدۇ» دېدى 5- ئاينىڭ 12- كۈنى، شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيەسى فۇكاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يۈەن شىسەي زاۋۇت رايونىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قاينىتىپ ساپلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.

  يۈەن شىسەي مۇنداق دېدى: شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى جەريانىدا يۇقىرى قايناتقۇچى ماددا پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بۇ خىل سۇيۇقلۇقنىڭ كۆپىنچىسى تاشلاندۇق قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىناتتى. 2015- يىلىدىن باشلاپ، فۇكاڭ ئېنېرگىيەسى پەن تەتقىقات سېلىنمىسىنى زورايتىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قايناتقۇچى ماددىلارنى قانداق يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشنى تەتقىق قىلدى. بىر يىلدىن ئارتۇق ئىلمىي تەتقىق قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، «ۋىنىل خىلورىد يۇقىرى قايناتقۇچى ماددىنى ساپلاشتۇرۇپ، ئىنچىكە تاۋلاش ئارقىلىق دىخلوروئېتاننى ئېلىش» تۈرىدە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئارقىدىن بۇ شىركەت يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قايناتقۇچ ماددىنى ساپلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ئىشلىتىپ، كېرەكسىز نەرسىلەرنى گۆھەرگە ئايلاندۇرۇشنىڭ يولىنى ئاچتى. «ھازىر، شىركەت ھەر يىلى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قايناتقۇچى ماددىلارنى ساپلاشتۇرۇش، قايتا پايدىلىنىش ئارقىلىق، 8 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايدۇ. بۇ تەتقىقات نەتىجىسىمۇ دۆلەتنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلدى ھەم ئوخشاش ساھەدە كېڭەيتىپ قوللىنىلدى» دېدى يۈەن شىسەي.

  2013- يىلى، جۇڭتەي گۇرۇھى 180 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ فۇكاڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى تەتقىق قىلىپ ئېچىش تەجرىبە بازىسى قۇرۇپ، زور تۈركۈمدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرىنى پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا تەشكىللىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، فۇكاڭ ئېنېرگىيەسى يىلىغا 30 مىليون يۈەندىن 50 مىليون يۈەنگىچە مەبلەغنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىشلىتىپ، جەمئىي 56 تۈردە كەشپىيات پاتېنتىغا ئېرىشتى. «بۇ يىل شىركەتنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش خامچوتى 80 مىليون يۈەنگە كۆپەيتىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىقتىدارى سىجىل ئاشۇرۇلدى» دېدى يۈەن شىسەي.

  ■ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قىممەت بوشلۇقىنى ئۆستۈرۈشجۇڭتەي گۇرۇھى PVC ئىشلەپچىقىرىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە، ھالبۇكى، ئەگەر PVC خام ماتېرىيالىلا سېتىلسا، ئۇنىڭ پايدا بوشلۇقى چەكلىك بولۇپ قالىدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، PVC خام ماتېرىيالىنى سېتىشتىن PVC ھاسىلىي مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ سېتىشقا ئۆزگەرتىپ، قىممەت بوشلۇقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  5- ئاينىڭ 12- كۈنى، فۇكاڭ ئېنېرگىيەسى PVC يېڭى ماتېرىيال سېخىدىكى ماشىنىلار گۈرۈلدەپ مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، PVC خام ماتېرىيالى پىششىقلىنىش ئارقىلىق، ئۆي جاھازلىرى تاختىسى، ئېلان تاختىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا ئايلاندى. «ئەنئەنىۋى ياغاچ تاختا ماتېرىياللىرىغا سېلىشتۇرغاندا، PVC تاختا ماتېرىيالى مۇھىت ئاسرايدۇ، بۇلغىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ يېنىك، نېپىز، مەھسۇلات قىممىتى تېخىمۇ چوڭ» دېدى فۇكاڭ ئېنېرگىيەسى PVC يېڭى ماتېرىيال سېخىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى ليۇ جۈن.

  قىممەت بوشلۇقىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭتەي گۇرۇھى فۇكاڭ سانائەت باغچىسىدا PVC پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇردى. 2017- يىلى بۇ بازا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، قېلىپلاشقان ماتېرىياللار، بىناكارلىق قېلىپى، ياغاچ سولياۋ تام تاختىسى، تاش سولياۋ تاياقچىسى، PVC تۇرۇبا سايمانلىرى، PVC تۇرۇبىسى، قىزىيدىغان پول قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، بىرلا خىل PVCدىن چىرايلىق گۈللەرنى ئېچىلدۇردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭتەي گۇرۇھى يەنە خىلور - ئىشقار ئاساسىي كەسپىنى چۆرىدەپ بىرلەمچى، ئىككىلەمچى كەسىپ زەنجىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئۇزارتتى. 2014- يىلى، بۇ گۇرۇھ ۋىسكوزىلىق توقۇمىچىلىق كەسپىگە كىرىشىپ، گۇرۇھنىڭ كۆيدۈرگۈچى ئىشقار خام ماتېرىيالى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل پاختا بايلىقىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىردى.

  ■ بايلىقلاردىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، يېشىل تەرەققىياتقا ئىنتىلىش

  كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە خىمىيەۋى تالا كارخانىسى ئېنېرگىيە سەرپىياتى چوڭ كارخانا ۋە بۇلغىشى ئېغىر كارخانا بولسىمۇ، لېكىن جۇڭتەي گۇرۇھى قارىمىقىدىكى شىركەت ــــ شىنجاڭ فۇلىدا تالا چەكلىك شىركىتىنىڭ ھازىرقى ھالىتى بۇ خىل تەسىرنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتتى. 5- ئاينىڭ 14- كۈنى، مۇخبىرلار فۇلىدا زاۋۇت رايونىدا ئېقىۋاتقان پاسكىنا سۇنى كۆرمىدى، بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان قاڭسىق پۇراقلارنى پۇرىمىدى، ھەممە يەردە دەل - دەرەخ ۋە گۈل - گىياھلارنى كۆرگىلى بولاتتى.

  «بىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئەڭ كۆپ سەرپ قىلىدىغان بايلىقىمىز سۇ، شۇڭا، 2016- يىلىدىن باشلاپ، بىز زور كۈچ سەرپ قىلىپ، قويۇق سۇنىڭ سىڭىشىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسى ۋە پاسكىنا سۇنى چوڭقۇر بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى قۇرۇپ، كېرەكسىز سۇنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش ۋە پاسكىنا سۇنى تازىلاش، بۇلغىمىنى ئازايتىشقا ئىشلەتتۇق» دېدى بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى فېڭ ۋېنجۈن.

  فۇلىدا زاۋۇت رايونىدا ھەر كۈنى كۆپ مىقداردا قويۇق سۇ (قويۇق سۇ ئادەتتىكى سۇنى بىر تەرەپ قىلىپ يۇقىرى ساپلىقتىكى سۇغا ئايلاندۇرۇش جەريانىدا پەيدا بولىدىغان تۇزلۇق كېرەكسىز سۇ) ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، قويۇق سۇدا ئەمەلىيەتتە كۆپ مىقداردا قايتا پايدىلانغىلى بولىدىغان سۇ بايلىقى بولىدۇ، ئەگەر بىۋاسىتە قويۇپ بېرىلسە، بايلىق ئىسراپ بولۇپلا قالماي، يەنە بۇلغىما مىقدارىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. شۇڭا، بۇ شىركەت قويۇق سۇنىڭ سىڭىشىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسى قۇردى.

  قويۇق سۇنىڭ سىڭىشىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسىغا يېقىن بارغاندا، قاتار - قاتار چوڭ تىپتىكى سۈزگۈچى باكلارنىڭ رەتلىك تىزىپ قويۇلغانلىقىنى، ئىشلەپچىقىرىشتا پەيدا بولغان قويۇق سۇنىڭ بۇ سىستېمىغا كىرىپ بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. «بۇ يەرنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان سۇ تازىلىغۇچنىڭكىگە ئوخشايدۇ، كۆپ دەرىجە بويىچە سۈزۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان قويۇق سۇ ئىشلىتىش ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈلۈپ، قايتىدىن ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا قايتۇرۇلۇپ داۋاملىق ئىشلىتىلىدۇ.» بۇ شىركەتنىڭ ئېنېرگىيە مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ۋۇ شياۋدۇڭ مۇنداق دېدى: «شىركەتنىڭ قويۇق سۇنى قايتۇرۇۋېلىپ پايدىلىنىش نىسبىتى %95كە يېتىپ، سۇ تېجەش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى».

  قويۇق سۇنى كۆپ دەرىجىلىك بىر تەرەپ قىلىشتىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا شەكىللەنگەن بىر قىسىم كېرەكسىز سۇ زاۋۇت رايونىدىكى باشقا كېرەكسىز سۇ بىلەن بىللە پاسكىنا سۇنى چوڭقۇر بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىغا قويۇپ بېرىلىپ، چوڭقۇر بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تىندۇرۇش كۆلچىكىگە كىرىدۇ.

  مۇخبىرلار يۇقىرى ئۈنۈملۈك تىندۇرۇش كۆلچىكىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان سېسىق پۇراقنى پۇرىمىدى، تىندۇرۇلغاندىن كېيىنكى سۇ ئاستا - ئاستا قويۇپ بېرىش ئورىكىگە قۇيۇلۇۋاتاتتى، قويۇپ بېرىش ئورىكىدىكى سۇ قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەنىدى. «ئۆلچەمگە يەتسىمۇ بىز خالىغانچە قويۇۋەتمەيمىز، ئەكسىچە بۇ سۇنى يېشىللاشتۇرۇشقا ئىشلىتىمىز» دېدى فېڭ ۋېنجۈن.

  نۆۋەتتە، جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ مۇھىت ئاسراش سېلىنمىسى جەمئىي 4 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، بۇ، مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاپ، يىللىق كېرەكسىز سۇ قويۇپ بېرىش مىقدارىنى يىلدىن - يىلغا ئازايتىپلا قالماستىن، بەلكى توننىلىق مەھسۇلات بايلىقىنىڭ خورىشى، ئېنېرگىيەنىڭ خورىشى، «ئۈچ كېرەكسىز»نىڭ قويۇپ بېرىلىشى جەھەتتە كەسىپ بويىچە پاكىز ئىشلەپچىقىرىشتا باشلامچى سەۋىيەگە يەتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ