ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن ئۈچ يىلدا جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىن 2200ى قاتنىدى

 شىنجاڭنىڭ «يول ئىقتىسادى»دىن «كەسىپ ئىقتىسادى»غا قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى

2019.05.30 10:50 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  5- ئاينىڭ 25- كۈنى، لىق تاۋار قاچىلانغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقىپ، قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا شەھىرىگە يۈرۈپ كەتتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ، يىغىلىش مەركىزى تىجارەت باشلىغان ئۈچ يىلدىن بۇيان قاتنىغان 2200- جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئىكەن. (مۇخبىرىمىز شيې لۇڭ فوتوسى)

  مۇخبىرلىرىمىز لۇ فېڭباۋ، شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن كېيىن، لىق تاۋار قاچىلانغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا شەھىرىگە يۈرۈپ كەتتى، بۇ، يىغىلىش مەركىزى تىجارەت باشلىغان ئۈچ يىلدىن بۇيان قاتنىغان 2200- جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى.

  شىركەتنىڭ ماللىرى قاچىلانغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن قوزغالغانلىقىنى كۆرگەن ئۈرۈمچى تۇڭيادا خەلقئارا مال تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ جېنجۈن ناھايىتى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ماللار جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدا توشۇلغاندىن كېيىن، بىر قىسىم يول لىنىيەلىرىنىڭ توشۇش ۋاقتى يېرىمغا يېقىن قىسقىراپ، ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىمۇ %30تىن ئارتۇق تېجىلىپ، شىركەتنىڭ كەسىپ مىقدارىنىڭ يىلمۇيىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇلتۇر بىز 2000 نەچچە گۇرۇپپا ئۆلچەملىك كونتېينېرلىق مالنى يولغا سالدۇق، بۇ يىل چوقۇم بۇلتۇرقىدىن كۆپ بولىدۇ».

  شىنجاڭ شىنتيې خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى نەن جۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: 2016- يىلى 5- ئاينىڭ 26- كۈنى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى تىرانسپورت تىجارىتىنى باشلىغاندىن بۇيان، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش كۆلىمى ئەڭ دەسلەپكى ھەپتىدە بىر پويىز قاتناشتىن، تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ كۈندە ئۈچ پويىز قاتناشقا كۆپىيىپ، زىچلاشتۇرۇلغان، دائىملاشتۇرۇلغان قاتناش ئەندىزىسى شەكىللەندى. بۈگۈنكى كۈندە، يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقىدىغان نۆۋەتچى پويىز يول لىنىيەسى 21گە يېتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى 19 دۆلەتنىڭ 26 شەھىرىگە تۇتاشتى. ماللارنىڭ تۈرىمۇ ئەڭ دەسلەپكى كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، كىيىم - كېچەكتىن ماشىنىسازلىق جابدۇقلىرى، سۇ، پار، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئېلېكتىرونلۇق زاپچاس، نېفىت - خىمىيە سانائىتى قاتارلىق 200 نەچچە تۈرگە كېڭەيدى.

  ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى خۇبېي، شەندۇڭ، خېنەن، جېجياڭ قاتارلىق جايلاردىكى يېمەكلىك پىششىقلاش، پاختا توقۇلما بۇيۇملىرى، ماشىنىسازلىق - ياسىمىچىلىق، ئۆي جاھازلىرى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق 40 نەچچە سودا - ئەشيا ئوبوروتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىغا كىرىپ ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى.

  نەن جۈن مۇنداق بىلدۈردى: ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت چوڭ يولى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ قاتناش تۈگۈنى مەركىزى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت كۇرسلۇق ماركا تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنىڭ شىنجاڭدا ماكانلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ «يول ئىقتىسادى»دىن «كەسىپ ئىقتىسادى»غا قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2016- يىلى، ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىن 135ى قاتنىغان، 2017- يىلى 710ى قاتنىغان، 2018- يىلى 1002سى قاتنىغان. «بىز ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت چوڭ يولىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، بۇ يىل جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش سانىدا يەنە يېڭى رېكورت يارىتىشنى قولغا كەلتۈرىمىز» دېدى نەن جۈن.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ