جۇكىن كەنتى كەسىپلەر يېڭى كەنتىگە «ئۆزگەردى»

 گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى يى شياۋجۈن، ۋاڭ لېي، تاڭ يۇڭ، لۈ يىخەن

2019.05.30 10:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  5- ئاينىڭ 23- كۈنى سەھەردە، بورتالا شەھىرىنىڭ بىلىن خارمودۇن يېزىسى جۇكىن كەنت ئاھالىلىرى كېۋەزلىكتە ئىشلىمەكتە. (گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى)

  بىر ئىستاكان چاينى دەملەپ بولغىچە، تاڭ نۇرى دېرىزىگە چۈشتى. 5- ئاينىڭ 22- كۈنى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بورتالا شەھىرىنىڭ بىلىن خارمودۇن يېزىسى جۇكىن كەنتىدىكى 65 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ۋېن داگۈي ئالايىتەن ئورنىدىن سەھەر تۇردى. بۈگۈن، ئۇ ئون نەچچە كەنت ئاھالىسى بىلەن بىللە، كەنتتىكى نېلۇپەر كۆلچىكى قۇرۇلۇش ئىش ئورنىغا بېرىپ، كەنت بەرپا قىلىۋاتقان ساياھەت ئېكسكۇرسىيە بەلبېغىغا ياردەملەشمەكچى ئىدى.

  جۇكىن كەنتىدىكى 118 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھازىرقى تۇرمۇش ئىلگىرىكىدىن كۆپ پەرقلىنىدۇ، كەنت ئاھالىلىرى ئارقا - ئارقىدىن يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ.

  «بورتالا ئوبلاستىدىكى پاختىچىلىق 1- كەنتى» دەپ ئاتالغان جۇكىن كەنتى ئىلگىرى كەسىپ قۇرۇلمىسى يەككە، كوللېكتىپ ئىگىلىكى ئاجىز بولغان ئارقىدا قالغان كەنت ئىدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، يېزا ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەمگەكچان جۇكىنلىقلار يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەسلىكتەك غەيرەت بىلەن بۆسۈشكە ۋە سىناپ كۆرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، روشەن خاسلىققا ئىگە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يولىنى تاپتى.

  ■ پارچە يەرلەر پۈتۈن ئېتىزغا ئايلاندى

  1986- يىلى، جۇكىن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى تار كوچا، خالتا كوچىلار كۆپ رەتسىز كونا كەنت بىلەن خوشلىشىپ، قومۇش بېسىپ كەتكەن شورلۇق دالادا يېڭى كەنت قۇردى.

  «كېۋەز، گازىر تاۋۇزى، ئاپتاپپەرەس... كەنت ئاھالىلىرى قايسى خىل دېھقانچىلىق زىرائىتى شۇ يىلى ئەڭ كۆپ پايدا بەرسە شۇنى تېرىش كېرەك، دەپ قارىدى. بىر يىل ئالدىراش ئۆتۈپ، تارتقان جاپا ئۇياقتا تۇرسۇن، پايدىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى» دېدى جۇكىن كەنتىنىڭ تۇنجى قارار پارتىيە ياچېيكا شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن جوۋ يىنلىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلگىرىكى ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى ئەسلەپ توختىماي خورسىنغان ھالدا.

  «نامراتلىقتىن قورقۇپ كەتكەن» كەنت ئاھالىلىرى يەردىن «ئالتۇن قېزىش»قا باشلىدى.

  2003- يىلى، جۇكىن كەنتى كېۋەزنى بىرتۇتاش ماشىنىدا تېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشلىدى، شۇ يىلى چىگىتلىك پاختىنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 400 كىلوگىرامغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 100 كىلوگىرام ئاشتى.

  ئىشلەپچىقىرىش راۋاجلاندى، يەنە يېڭى باش قېتىنچىلىقى كۆرۈلدى: تارقاق، قالايمىقان ئېتىزلار دېھقانچىلىق ماشىنىسىنىڭ مەشغۇلات قىلىشىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ يەر ئاغدۇرۇش، ئۇرۇق سېلىش، پەرۋىش قىلىش ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ، بىرتۇتاش سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى يولغا قويۇشنى تەسلەشتۈرۈۋەتتى.

  2012- يىلى، جۇكىن كەنتى كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدا يەرنى ئۆز ئىختىيارىيلىقى بىلەن ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، تۇتاشتۇرۇش چارىسىنى قوللىنىپ، يەرلەرنى رەتلەپ بىرلەشتۈردى. يەر دېھقانلارنىڭ «جان تومۇرى»، «يەرگە چېقىلىش» مۇقەررەر ھالدا كەسكىن ئىدىيەۋى توقۇنۇش پەيدا قىلىدۇ. بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرى ئۆزىنىڭ «ياخشى يېرى»نىڭ «ناچار يەر»گە ئالمىشىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلدى، يەنە قىسمەن كەنت ئاھالىلىرى ئۆزىنىڭ پارچە يەرلىرىنىڭ «رەتكە سېلىش» داۋامىدا يوقاپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەشۋىشىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، جۇكىن كەنتى يەتتە قېتىم كەنت ئاھالىلەر يىغىنى ئېچىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە قايتا - قايتا ئىقتىسادىي ھېسابات قىلىپ بەردى، كەنت كادىرلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى ئېلىشنى خالىمىغان يەرلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدى، رەتلەپ بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىنكى چەت، بۇلۇڭدىكى يەرلەرنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى يەنىلا كەنت ئاھالىلىرىگە بۆلۈپ بېرىلدى.

  يەرنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئېتىز قىرلىرى يوقىتىلىپ، بىكار تۇرغان ئېرىق ۋە چەت، بۇلۇڭ يەرلەر تىندۇرۇلغاندىن كېيىن، پۈتۈن كەنتتىكى 440 پارچە تېرىلغۇ يەر 33 پارچە يەرگە ئايلىنىپ، ئومۇمىي كۆلىمى كۆپىيىپ 7800 موغا يەتتى، كېۋەز تېرىشتا سورتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، كۈزدە ئاغدۇرۇپ، قىشتا توڭ سېلىش، بالدۇر تېرىش، سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، خىمىيەلىك تىزگىنلەش، فىزىكىلىق مۇداپىئەلىنىش، بىيولوگىيەلىك مۇداپىئەلىنىش، خىمىيەلىك مۇداپىئەلىنىش، ماشىنىدا تېرىش، ماشىنىدا يىغىش قاتارلىق «يەتتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش»نى ئوڭۇشلۇق يولغا قويدى.

  2015- يىلى، جۇكىن كەنتىدە پاختىنى ماشىنىدا تېرىش تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، چىگىتلىك پاختىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 450 كىلوگىرامغا يەتتى.

  ■ دېھقانلار پايچىغا ئايلاندى

  «يەرلەرنى بىرلەشتۈرۈش ئاخىرقى نىشان ئەمەس، ئەسلىي مەقسەت يەرلەرنى بىرىكتۈرۈش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، جۇكىن كەنتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى <كىچىك دېھقان ئائىلىسى ئىگىلىكى>دىن كۆلەملەشكەن ئىگىلىك تىپىغا ئۆزگەرتىش» دېدى بىلىن خارمودۇن يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى سۈن چۈنشېڭ.

  «پارچە يەرلەر» «چوڭ ئېتىز»غا ئايلىنىپ، تېرىلغۇ يەر تارقاق، قالايمىقان بولۇشتەك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بوغما ھالەت بۇزۇپ تاشلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنت ئاھالىلىرى تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەتنى كۆرۈپ يەتتى. تېرىقچىلىقنى ماشىنىلاشتۇرۇش دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدا يەرنى ئوبوروت قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى. بىراق، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش كەمچىل بولغاچقا، يەرنى ئوبوروت قىلىش باھاسى قالايمىقان بولۇپ، زىددىيەت، تالاش - تارتىش ھەم يەر تېرىشنىلا بىلىپ، كۈچلەندۈرمەسلىك قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ئارقا - ئارقىدىن كۆرۈلدى.

  «يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشتە، مەسىلە كۆرۈلسىلا ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىش كېرەك.» 2015- يىلى، جۇكىن كەنتى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىنى، بورتالا شەھەرلىك توكېن كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقلىقىنى ئۆتەۋاتقان سۈن چۈنشېڭ «يەر ھەققىنىڭ تۆۋەن چېكىگە كاپالەتلىك قىلىش + ئىككىنچى قېتىم پايدا تەقسىملەش» ئەندىزىسى ئارقىلىق بىرتۇتاش ئۆلچەم بېكىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى «يېرى بىلەن كوپىراتىپقا كىرىش، يەرنى پاي قىلىپ قوشۇش»قا ئىلھاملاندۇردى. «يەر ھەققىنىڭ تۆۋەن چېكىگە كاپالەتلىك قىلىش» ھەر مو يەردىن چىققان 320 كىلوگىرام چىگىتلىك پاختىنىڭ پايدىسىنى يەر ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى، «ئىككىنچى قېتىم پايدا تەقسىملەش» يەر ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن قىسمەن پايدىنى چىقىرىۋەتكەندىن سىرت، تېرىقچىلىق قىلغان ئائىلىلەرنىڭ ئېرىشكەن پايدىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن تەڭ بۆلۈشۈشىنى كۆرسىتىدۇ.

  ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرگەن كەنت ئاھالىلىرى يەرنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىغا بەرسىمۇ، ئۆزى باشقۇرسىمۇ بولىدۇ. بۇ ئەندىزە ئارقىلىق، يەر ئىگىلىرى، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى شەكىللەندۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تارقاق «كىچىك دائىرىدىكى تىرىشىشى» «يالغۇز ئېلىشىشى»نى ھەقىقىي تۈردە «بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىش»قا ئۆزگەرتىپ، يەر بايلىقىنىڭ ئۈنۈمىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئىسلاھات چارىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن، شۇ يىلى كەنتتىكى 18 ئائىلە 1400 مو يېرىنى پاي قىلىپ قوشۇپ، توختامغا بارماق باستى.

  «پايدىنىڭ تەمىنى تېتىغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرىش ئاكتىپلىقى ئالاھىدە يۇقىرى بولدى.» 1- تۈركۈمدە ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرگەن كەنت ئاھالىسى دېڭ چۈەنجياڭ مۇخبىرغا ئائىلىسىنىڭ 2018- يىلى قىلغان كىرىمىنى مۇنداق ھېسابات قىلىپ بەردى: 50 مو كېۋەزدىن 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدۇق؛ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 850 مو ئوبوروت يېرىنى تېرىپ، پايدا تەقسىم قىلغاندىن كېيىن قىلغان كىرىمىمىز 170 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولدى. «ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئوبوروت يەرلەرگە قارىتا بىرتۇتاش ئىلمىي باشقۇرۇشنى يولغا قويدى، يەر تېرىشتا كۈچنى تېجەپ خاتىرجەم بولدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزدەك تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى بىلەن <كۈزدە ھېساب - كىتاب قىلدى>، بۇ، ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان ياخشى ئىش» دېدى دېڭ چۈەنجياڭ.

  سۈن چۈنشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەمكارلىشىپ ئىگىلىك باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش، ئادەم ئىشلەتكەندە ئەمگىكىگە قاراپ ھەق بېرىش، پايدىنى پايغا قاراپ تەقسىملەش ئارقىلىق، ھەم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلىندى، ھەم كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمى ئاشۇرۇلدى. 2018- يىلى، جۇكىن كەنتىدىكى %70تىن كۆپرەك يەر ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىنىپ، ئەتراپتىكى كەنت، ئەترەتلەرنىڭ 10 مىڭ مودىن ئارتۇق يېرىنىڭ قوشۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. شۇ يىلى، جۇكىن كەنتىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 24 مىڭ 705 يۈەنگە يەتتى، كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى 1 مىليون 800 مىڭ يۈەن بولدى.

  ■ بىر كەسىپ كۆپ مەنبەگە ئۆزگەردى

  كېۋەز ئەزەلدىن جۇكىن كەنتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى يېتەكچى كەسىپ بولۇپ كەلگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە جۇكىن كەنتىنىڭ كېۋەز تېرىقچىلىقىدا پەيدىنپەي ماشىنىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت «قان ئالماشتۇرۇش»، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت «مېڭە ئالماشتۇرۇش» ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرى بېيىشنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولىغا كىردى.

  يەر تېرىشنى خالايدىغان كەنت ئاھالىلىرى يەنىلا يەرگە تايىنىپ «بېيىدى»، يەر تېرىشنى خالىمايدىغان كەنت ئاھالىلىرى يەرنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، يەنە نېمە ئىش قىلىدۇ؟

  «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە چوقۇم يېزىلارنىڭ بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەسىپنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتكەندە، كەسىپنىڭ بىر خىللىقى ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپ - خەتەرنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق» دېدى سۈن چۈنشېڭ.

  2010- يىلى، جۇكىن كەنتى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى تۈرى تولۇقلىما پۇلى ۋە دېھقان ئائىلىلىرى ئۆزى جۇغلىغان مەبلەغ ئارقىلىق، 31 لاپاسلىق پارنىك ياساپ، مېۋە، كۆكتات تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇردى ھەم چىڭفېڭ تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، قاتنىشىشنى خالايدىغان كەنت ئاھالىلىرىنى كوپىراتىپ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، كەنت ئاھالىسى جاڭ يۈنيىڭنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى مەنىلىك ئۆتۈۋاتىدۇ. ئىككى يىل ئىلگىرى، ئۇ ئائىلىسىنىڭ 25 مو كېۋەزلىكىنى توكېن كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ بەرگەنىدى، ھەر يىلى 20 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك دارامەت ئالىدۇ، يەنە تۆت پارنىكقا كۆكتات تېرىپ، ھەربىر پارنىكتىن يىلدا 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدۇ.

  «پارنىكتا تېرىقچىلىق قىلغاندا ئاپتاپتا، شامالدا قالمايمەن، يەنە دېھقانچىلىق تېخنىكلىرى بىزگە قولمۇقول ئۆگىتىدۇ، مەن كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى يۆنىلىشىنى تاپتىم» دېدى جاڭ يۈنيىڭ.

  2014- يىلى، چىڭفېڭ تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى كەينى - كەينىدىن ئورگانىك ئۆستۈرۈش، تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش، ئانىلىق تۈپكە ئۇلاش قاتارلىق ئىلغار تېرىقچىلىق تېخنىكىلىرىنى كىرگۈزدى. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى تېرىغان تەرخەمەك، لازا، شوخلا شۇ يىلى A دەرىجىلىك يېشىل يېمەكلىك ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتى، بۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ مېۋە، كۆكتات ئۈزۈپ ئىستىراھەت پەيزىنى سۈرگىلى كەلگەن ساياھەتچىلەر يىلدىن - يىلغا كۆپەيدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇكىن كەنتى يەنە دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈشكە ۋە كۆلەملەشتۈرۈلگەن باقمىچىلىققا كۈچ سەرپ قىلىپ، چۈنشى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى باقمىچىلىقىنى ئاساسىي كەسىپ قىلدى. «ئاشلىق يېرىنى يەم - خەشەك يېرىگە ئۆزگەرتىش» تۈرىگە تايىنىپ، ھەر يىلى 200 مو كۆممىقوناقنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىپ، تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باستى. 2018- يىلى، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا بېقىلىۋاتقان گۆش كالىسى 300 تۇياقتىن ئېشىپ، يىلدا 100 تۇياق سېتىلىپ، پايدىسى 400 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  بۇ ئىككى كۈندە، جۇكىن كەنتىدە يۈرۈپ ياپيېشىل كېۋەز مايسىسىنىڭ بولۇق ئۆسكەنلىكىنى كۆردۇق؛ كۆكتات پارنىكلىرىدىكى يېڭى تەرخەمەك، لازىلار دەل ھوسۇل مەزگىلىگە كىرىپتۇ؛ يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان نېلۇپەر كۆلچىكى مەنزىرە بەلبېغى قۇرۇلۇشى تۈرى قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ.

  «جۇكىن كەنتىدە ياشىغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى چەكسىز بەختلىك ھېس قىلىمەن» دېدى ۋېن داگۈي.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ