مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئۆزگىچە، يېڭى «كىچىك گىگانت»لار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

ئاپتونوم رايونىمىزدىن بەش كارخانا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى

2019.05.30 10:42 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 21- كۈنى، دۆلەت سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئۆزگىچە، يېڭى «كىچىك گىگانت» كارخانىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىن بەش كارخانا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

  بۇ بەش كارخانا ئايرىم - ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىچە: شىنجاڭ جىنشۆچى پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىرو چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ تيەنخې خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ شىئېردەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ يىندولەن ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى پاي چەكلىك شىركىتى.

  كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئۆزگىچە، يېڭى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار كەسىپلەشكەن، سەرخىللاشقان، ئۆزگىچىلەشكەن، يېڭىچە بولۇشتەك تۆت چوڭ ئەۋزەللىكنى ھازىرلىغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى كۆرسىتىدۇ. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا جەمئىي 398 كارخانا كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئۆزگىچە، يېڭى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا، دەپ بېكىتىلگەن. كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئۆزگىچە، يېڭى «كىچىك گىگانت» كارخانا بولسا، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئۆزگىچە، يېڭى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىچىدىكى داڭلىقلىرى بولۇپ، بازارنى ئىنچىكە ئايرىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇش، بازارنى ئىگىلەش نىسبىتى يۇقىرى بولۇش، ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىسى بولۇش، سۈپەت - ئۈنۈمى ئەلا بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان باشلامچى كارخانىلاردۇر.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايوننىڭ كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئۆزگىچە، يېڭى بولۇش جەھەتتە باھالاش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياسىمىچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ئاساس قىلىپ، «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئۆزگىچە، يېڭى» كارخانىلار ئامبىرى، «كىچىك گىگانت» كارخانىلارنى ھەرىكەتچان يېتىشتۈرۈش ئامبىرى قۇرىدۇ. 2019- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئۆزگىچە، يېڭى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئامبىرىدىن 20 كارخانىنى كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئۆزگىچە، يېڭى «كىچىك گىگانت»لار بويىچە نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈش ئوبيېكتى قىلىپ تاللاپ، ئاساسلىق تىجارىتى گەۋدىلىك، رىقابەت ئىقتىدارى كۈچلۈك، يېتىلىشچانلىقى ياخشى بولغان بىر تۈركۈم كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئۆزگىچە، يېڭى «كىچىك گىگانت» كارخانىلارنى بەرپا قىلىدۇ. 2020- يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئۆزگىچە، يېڭى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ 500دىن ئېشىشى، 2025- يىلى تىرىشىپ 1000دىن كۆپرەككە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

  ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ كارخانىلار باشقارمىسى(ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئىدارىسى)نىڭ تەكشۈرۈپ - تەتقىق قىلغۇچىسى سۇ يۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئۆزگىچە، يېڭى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۈركۈم «كىچىك گىگانت» كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش شىنجاڭ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇشنىڭ كۈچلۈك تىرىكى. ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئۆزگىچە، يېڭى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئۆزگىچە، يېڭى «كىچىك گىگانت» كارخانىلار، ئاپتونوم رايونلۇق كىچىك كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى قاتارلىق تۈرلۈك ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار كۆرگەزمىسى، APEC ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ۋە كۆرگەزمە قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك كۆرگەزمە، ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، سىرت بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ ۋە قوللايدۇ.

  كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايون ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش پىكرىنى ئېلان قىلىشنى تېزلىتىپ، قاراتمىلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ئەمەلىي، تېخىمۇ ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىك، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ