مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى يېتەكچىلىك، نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتتى

قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق دېلولارنى سوت قىلىش سۈپىتى، ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستى

2019.05.30 10:41 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياڭ شۇخەن، جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ توققۇز تۈركۈمدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى شۆبە خەلق سوت مەھكىمىلىرى، ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە ئەۋەتىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى خىزمىتىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، يېتەكچىلىك، نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سوت مەھكىمىسى سىستېمىسىنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇرلاپ قانات يايدۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتتى.

  بۇ يىل 4- ئايدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرى قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى جەريانىدا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى دىققەت قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىنى تۈزەشكە مەركەزلەشتۈرۈلگەن 13 ماددىلىق تەدبىرنى تارقاتتى. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرى دىققەتنى قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشى گەۋدىلىك بولغان نۇقتىلىق رايونلارغا، كەسىپلەرگە ۋە ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈردى؛ دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزگەن قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ جىنايەتلىرىگە مەركەزلەشتۈردى؛ دىققەتنى قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ ئارقىسىدىكى «مۇناسىۋەت تورى» ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق جىنايى دېلولارنى قاراپ چىقىپ، تەشكىللىگۈچىلىرىنى، كاتتىباشلىرىنى ۋە تايانچلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، قەتئىي تېز سوتلاپ، ئېغىر ھۆكۈم قىلىپ، جىنايەتچىلەرگە قەتئىي ھېچقانداق پۇرسەت قالدۇرمىدى.

  پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق دېلولارنى سوت قىلىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى ئەۋەتىپ، دوكلات ئاڭلاش، دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ چىقىش، بىرىنچى سەپتىكى سودىيەلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، كونكرېت دېلولار توغرىسىدا بېجىرگۈچىلەر بىلەن سۆزلىشىپ، كەسپىي يېتەكچىلىكنى قانات يايدۇردى؛ قاراپ چىقىش جەريانىدا ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا، ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى ھەم ئىجادىي خاراكتېرلىك پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بېرىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىگە ئائىت تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  5- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 5- ئاينىڭ 17- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 14 ۋىلايەت (ئوبلاست)شەھەردىكى شۆبە خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللارنى يىغىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى مەركەزلىك ئاڭلىدى ۋە بىرمۇبىر باھالىدى، ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى خىزمەتلەرگە قارىتا قايتا سەپەرۋەر قىلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرىدىن سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق دېلولارنى سوت قىلىش خىزمىتىگە ئاتلىنىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا قارا، رەزىل كۈچلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى «مۇناسىۋەت تورى» «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»گە قارشى كۈرەش قىلىمىز. فۇنكسىيەلىك رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قاراپ چىقىۋاتقان ياكى پات يېقىندا سوتلاش باسقۇچىغا كىرىدىغان دېلولارغا قارىتا قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، پاكىتنى ئاساس، قانۇننى مىزان قىلىپ، پاكىت ئۆتكىلى، دەلىل - ئىسپات ئۆتكىلى، تەرتىپ ئۆتكىلى، قانۇننى تەتبىقلاش ئۆتكىلى ۋە ھۆكۈم - كېسىم ھۆججىتى ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، دېلو بېجىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى تەڭ ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ