شىنجاڭ مەكىتتە «مەڭگۈلۈك دولان» يېڭى قىياپەتنى نامايان قىلماقتا

2019.05.27 16:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئارتىسلار شىنجاڭ مەكىت ناھىيەسى دولان تىياتىرخانىسىدا «مەڭگۈلۈك دولان»نى ئورۇنلىىماقتا.

  شۇ كۈنى، «مەڭگۈلۈك دولان» ناملىق چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇل تىياتىرى شىنجاڭ مەكىت ناھىيەسىنىڭ دولان چوڭ تىياتىرخانىسىدا يەنە بىر قېتىم قويۇلۇپ، ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئۆزگىچە دولان مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى. «مەڭگۈلۈك دولان»نىڭ ماتېرىيالى مەكىت ناھىيەسىدە تارقالغان دولان مۇقامىدىن ئېلىنغان بولۇپ، بۇ تىياتىر 2015-يىلى تۇنجى ئوينالغاندىن بۇيان 100 نەچچە مەيدان قويۇلۇپ، 100 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن ساياھەتچى كۈتۈۋېلىندى ھەمدە ئۈرۈمچى، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا كۆپ قېتىم ئورۇنلىنىپ، تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ