مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى

خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە «ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى»

2019.05.27 14:39 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 5- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى تۈزەش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىگە قارىتا قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ پارتگۇرۇپپا (پارتكوم)لىرى ۋە تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىلىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى، كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزىشى، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق تۈزەپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە ساقلانغان خىيانەت قىلىپ ئىگىلىۋېلىش، ساختا مەلۇمات يوللاپ كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىپ يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش قاتارلىق چىرىكلىك مەسىلىلىرىگە، خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قاتارلىق ئىستىل مەسىلىلىرىگە دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەرزىيەت - پاش قىلىش، كۆزىتىش - تەكشۈرۈش، ئاممىۋى خىزمەتكە نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق شەكىللەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەسىلە يىپ ئۇچىنىڭ كېلىش مەنبەسى، يولىنى كېڭەيتىپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، جازالاش نەتىجىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نەتىجىلىرىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ پارتگۇرۇپپا(پارتكوم)لىرى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى، تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىلىرى «كۆزەتكۈچ»لىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تۇرۇۋاتقان تارماقلار ۋە ئۇنىۋېرسال نازارەتچىلىك ئورۇنلىرى پارتگۇرۇپپا(پارتكوم)لىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەھۋالىغا بولغان نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ