مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خاس پۇقراۋى قونالغۇ شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىگە ھۆسن قوشتى

2019.05.27 14:38 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ھەر كۈنى سەھەردە ئويغىنىپ، قۇشلارنىڭ ئورمانلىقتىكى سايراشلىرىنى ئاڭلاش، ئۆيدە ئولتۇرۇپ دېرىزە سىرتىدىكى يېشىل گىلەمدەك ئوتلاقنى كۆرۈش، تىپتىنچ دېھقانلار قورۇسىدا ئاپتاپقا قاقلىنىش، ئۆيدىن چىقمايمۇ قويۇق مىللىي ئۆرپ - ئادەتتىن ھۇزۇرلىنىش... بۈگۈنكى كۈندە، بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خاس پۇقراۋى قونالغۇلاردا قونۇشنى تاللايدىغان بولدى. خاس پۇقراۋى قونالغۇ شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپىدىكى ئەڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۇ، ھەر مىللەت دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىگىمۇ ھۆسن قوشتى.

  ■ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش تەرەققىياتقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش

  5- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتە، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى ئېگىنبۇلاق يېزىسى سەيزىگۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جاڭ دېمىڭ ئەر - خوتۇن تاماق ئېتىش بىلەن ئالدىراش ئىدى − ئۈرۈمچىدىن كەلگەن بىر نەچچە مېھمان شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە تامىقىنى يېمەكچى بولغاچقا، ئەر - خوتۇن ئىككىسى ئەتىگەندىلا ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى.

  2015- يىلىدىن باشلاپ، جاڭ دېمىڭ ئەر - خوتۇن كەنتتە مېھمانخانا ئاچتى. بۈگۈنكى كۈندە، مېھمانخانىدا توققۇز ئۆلچەملىك ياتاق، تۆت چوڭ ياتاق بار، بىر قېتىمدا 50 - 40 ساياھەتچىنى كۈتۈۋالالايدۇ. «بىز كەنتتە مېھمانخانىنى بىر قەدەر بالدۇر ئاچقان، ھازىر كەنتتە ئون نەچچە پۇقراۋى قونالغۇ بار» دېدى جاڭ دېمىڭ.

  بۈگۈنكى كۈندە، سەيزىگۇ كەنتىگە ئوخشاش پۇقراۋى قونالغۇنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان كەنتلەر ئاز ئەمەس. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ زىبىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى ئوبلاستى پۈتۈن رايون ساياھىتى، يېزا - كەنت ساياھىتى، ئىستىراھەت - ئارام ساياھىتى قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۇقراۋى قونالغۇ كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى شارائىت ياراتتى، بۇ يەردىكى پۇقراۋى قونالغۇ 500دىن ئاشتى، چەت، يىراق تاغلىق كەنتتىكى نۇرغۇن دېھقان - چارۋىچى پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىش ئارقىلىق «ساياھەتچىلىكنىڭ نېنى»نى يېدى. سانجى ئوبلاستى بۇلتۇردىن باشلاپ يەتتە ناھىيە، شەھەردىكى ئون يېزا - بازاردىكى 18 كەنتتە نۇقتىلىق ھالدا پۇقراۋى قونالغۇ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى تېز ئېشىپ، ئاۋات پەسىلدە، ھەتتا «ياتاق تېپىشمۇ تەسلىشىپ كەتتى».

  تۇرپان شەھىرى 2017- يىلىدىن باشلاپ پۇقراۋى قونالغۇ كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئائىلە مېھمانخانىسى، دېھقانلار ئائىلە مېھمانخانىسىدىن 1000نى قۇردى، ئۆزگەرتتى، كېڭەيتتى؛ ئالتاي ۋىلايىتىدە نۆۋەتتە پۇقراۋى قونالغۇ 860تىن، كارىۋات 10 مىڭدىن ئاشتى، پۇقراۋى قونالغۇ كەسپىگە تايىنىپ بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 8000دىن ئاشتى، ئالاقىدار كەسىپلەردە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ 30 مىڭدىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى؛ شىنجاڭدا پۇقراۋى قونالغۇ كەسپىنى بىرقەدەر بالدۇر تەرەققىي قىلدۇرغان قاناس مەنزىرە رايونىدا ھازىر پۇقراۋى قونالغۇدىن 237سى بار بولۇپ، 1200دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

  نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى، سانجى، تۇرپان، ئالتاي، بايىنغولىن، ئىلى قاتارلىق جايلاردىكى پۇقراۋى قونالغۇلارنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولۇپ، پۇقراۋى قونالغۇ كەسپى يەرلىكنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تىرەك، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم يول بولۇپ قالدى.

  ■ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ ئازادىلىك بېغىشلاش

  تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرىنىڭ مۇنار مەھەللىسى يىپەك يولى ياتاق بىناسى قورۇسىدا تۇرسىڭىز، كۆز ئالدىڭىزدا ئەسلىي ھالىتى ساقلاپ قېلىنغان كېسەك ئىمارەت، شەكلى ئۆزگىچە كوچا چىرىغى، يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقلارنى كۆرەلەيسىز؛ ئۆيگە كىرسىڭىز بۇ يەردە ھەقسىز WiFi ۋە 24 سائەت تەمىنلىنىدىغان ئىسسىق سۇ بارلىقىنى بايقايسىز − ئەسلىي ھالىتى ساقلاپ قېلىنغان تۇرالغۇ بىلەن زامانىۋى قاتتىق دېتاللار ناھايىتى ياخشى بىرلەشتۈرۈلگەنىدى.

  يىپەك يولى ياتاق بىناسى تۇرپان شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى باھالاپ چىققان «ئالتۇن قونالغۇ دەرىجىلىك» پۇقراۋى قونالغۇ. «ئالتۇن قونالغۇ» «كۈمۈش قونالغۇ»نى باھالاپ بېكىتىش يەرلىك پۇقراۋى قونالغۇ كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىپ قېلىپلىشىشقا، ئۆلچەملىشىشكە يۈزلەنگەنلىكىنىڭ بەلگىلىرىنىڭ بىرى.

  2017- يىلى 9- ئايدا، ئەسلىدىكى دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى ئېلان قىلغان «ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسىغا قويۇلىدىغان ئاساسىي تەلەپ ۋە باھا»دا، تۇنجى قېتىم پۇقراۋى قونالغۇغا ئېنىقلىما بېرىلدى. شىنجاڭدىكى پۇقراۋى قونالغۇ كەسپى بىرقەدەر بالدۇر تەرەققىي قىلغان بىر قىسىم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرمۇ ئارقا - ئارقىدىن مۇناسىپ ئۆلچەملەرنى بېكىتىشكە باشلىدى.

  «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي پۇقراۋى قونالغۇنى باشقۇرۇش ئۆلچىمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقراۋى قونالغۇ بەلگىسى ۋە مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۇقراۋى قونالغۇنى باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈردى. يەرلىك <ئالتۇن قونالغۇ> <كۈمۈش قونالغۇ> دەپ باھالىغان پۇقراۋى قونالغۇلارنى، بىر قېتىمدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا 300 مىڭ يۈەن ۋە 200 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىدى؛ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن پۇقراۋى قونالغۇلارنى بىر قېتىمدا 50 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاپ، ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسى تەرەققىياتىدىكى مەبلەغ يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى يەنىمۇ ھەل قىلدى» دېدى ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ليۇ كېچۇەن تونۇشتۇرۇپ.

  «سىرتى سەھراچە بولۇش، ئىچى زامانىۋى بولۇش.» جاڭ زىبىن پۇقراۋى قونالغۇنىڭ ئومۇمىي ئۆلچىمىنى ئىخچام قىلىپ سۆزلەپ بەردى. سانجى ئوبلاستى پۇقراۋى قونالغۇ كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، قاتتىق باھالاش ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، ئېسىل پۇقراۋى قونالغۇ، ئۆلچەملىك پۇقراۋى قونالغۇ، ئادەتتىكى پۇقراۋى قونالغۇ بويىچە تەپسىلىي تۈرگە ئايرىدى، بۇ ئۆلچەم بۇلتۇردىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.

  «بۇ، باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئۆلچەم بويىچە قېلىپلاشتۇرۇشى، باشقۇرۇشىغا پايدىلىق، مەبلەغ سالغۇچىلار، پۇقراۋى قونالغۇ كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقان - چارۋىچىلارنىڭمۇ ئۆلچەم بويىچە مەشغۇلات قىلىشى، ئىجرا قىلىشىغا قولايلىق، پۇقراۋى قونالغۇدىن ئىبارەت بۇ خىل ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتىغا پايدىلىق» دېدى جاڭ زىبىن.

  بۇلتۇر، جاڭ دېمىڭ 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئۆزىنىڭ مېھمانخانىسىنى ئۆزگەرتتى. «ھازىر كېلىپ قونسىڭىز، خۇددى مېھمانسارايدا ياتقاندەكلا بولىسىز» دېدى ئۇ.

  ■ خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش پۇقراۋى قونالغۇنى تېخىمۇ جەلپكار قىلىش

  يىراقتىن قارىسىڭىز، قارلىق چوققىلار، ئېگىز تاغلار ئىنتايىن گۈزەل كۆرۈنىدۇ؛ يېقىندىن ئاڭلىسىڭىز، ئورمانلىقتىكى قارىغاينىڭ غۇيۇلدىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. قابا ناھىيەسىنىڭ تېرەكتى يېزىسى ئاققابا كەنتىگە جايلاشقان ئاققابا ئارقا كوچا ھويلىسىدا، ساياھەتچىلەر كەڭ تەبىئەتتىكى پاكىز تۇرمۇشتىن قانغىچە بەھرىمەن بولالايدۇ.

  بۈگۈنكى كۈندە، مۇلازىمەت ئەسلىھەسى ۋە ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار يەنە پۇقراۋى قونالغۇ قۇرۇلۇشىدا شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تەرەققىيات خاسلىقىنى بەرپا قىلماقتا.

  قاناس مەنزىرە رايونى پۇقراۋى قونالغۇ قۇرۇلۇشىدا قاناسنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك ئەۋزەللىكىنى ھەم ئەنئەنىۋى قەدىمىي كەنتنى قوغداشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەنزىرە رايونىدىكى ئەنئەنىۋى قەدىمىي كەنتنىڭ تارىخىي قىياپىتى، قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىنى قوغداشنى ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى قىلىپ، ياغاچ تۇرالغۇلارنى ساقلاپ قېلىش، ئازايتىش كۆپەيتمەسلىك، ئېسىل قىلىپ قۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، قۇرۇلۇشنى بېزەش، ماتېرىيال توشۇش، قۇرۇلۇش قىلىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى، نازارەت قىلىشنى چىڭىتىپ، ياغاچ قاشا، دەرۋازا، ئاسما يوللارنى ۋاقتىدا رېمونت قىلىپ ئوڭشاپ، قاڭالتىرلىق ئۆگزىلەرنى ئېلىۋېتىپ، ياغاچ ئۆگزىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تاقىر يەرلەرنى گۈزەللەشتۈرۈپ، كۆكەرتىپ، تىرىشىپ پۇقراۋى قونالغۇلارنى قاناسنىڭ جەلپ قىلارلىق كۆل مەنزىرىسى بىلەن يۇغۇرۇشنى تەكىتلىدى.

  مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەت شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۇقراۋى قونالغۇلار ئاساس قىلغان «خاس ماركا».

  سەيزىگۇ كەنتىگە قوشنا بولغان ئېگىنبۇلاق يېزىسىنىڭ يۆلياڭدى كەنتى بىرقەدەر مۇكەممەل ساقلانغان ئەنئەنىۋى كەنت بولۇپ، «جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋى كەنت» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى ھەم «جۇڭگودىكى گۈزەل ئىستىراھەت كەنتى» بولدى، پۇقراۋى قونالغۇ قاتارلىق ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تەرەققىياتىمۇ ياخشى بولدى.

  «بۇ يەردە، ھەربىر ھويلا ھويلا ئىگىسىنىڭ دائىم تۇرىدىغان ئۆيى بولۇپ، پۇقراۋى تۇرالغۇ ياتاقلىرى پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرى بىلەن قوشنا بولغاچقا، ساياھەتچىلەر بەھۇزۇر تۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە شۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلالايدۇ» دېدى ئاققابا ئارقا كوچا ھويلىسى شىنجاڭ چۈەنيۈ سىشياڭ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى جېڭ خاۋ تونۇشتۇرۇپ. 2018- يىلى 5- ئايدا، بۇ ساياھەت كوپىراتىپى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئالتە ھويلىسىنى ئىجارىگە ئېلىپ، پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىپ، تىجارەت باشلاپ تۆت ئايدىلا 2400دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ