مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرى دېلولارنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتتى

قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنىڭ دەل جايىدا، كۈچلۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى

2019.05.27 14:37 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرى تەرتىپ ئېڭى ۋە دەلىل - ئىسپات ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دېلولارنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، سوت قىلىشتىن ئىلگىرىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنىڭ دەل جايىدا، كۈچلۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش، سوتنىڭ ھەمكارلىشىپ دېلو بېجىرىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن بۇ يىل 3- ئايدا «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدە تەھقىقلەش، قولغا ئېلىش، ئەرز قىلىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بىرلىكتە ئىمزالاپ تارقىتىپ، «قارا، رەزىل كۈچلەر جىنايىتى دېلولىرىنى بېجىرىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى خىزمەت تەپسىلىي قائىدىسى»نى ۋاقتىدا تۈزۈپ، سوت قىلىشتىن ئىلگىرىكى بىر گەۋدىلەشكەن خىزمەت مېخانىزمىنى پائال بەرپا قىلىپ، تەھقىقلەش، قولغا ئېلىش، ئەرز قىلىشنى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن بىرلىكتە «قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات جىنايىتى دېلولىرىنى بېجىرىشتىكى دەلىل - ئىسپات كۆرسەتمىسى» قاتارلىق ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ، ئەدلىيە ئورتاق تونۇشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملىدى.

  پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ھەرقايسى جايلاردىكى تەپتىش ئورگانلىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق چىرىكلىككە ئائىت يىپ ئۇچى ۋە قارا، رەزىل جىنايەت يىپ ئۇچىنى قوش يۆنىلىشلىك تاپشۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش، بېجىرىش نەتىجىسىدىن قايتما ئىنكاس بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەربىر قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ جىنايەت دېلوسىنىڭ ئارقىسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسىنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىشقا تىرىشىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق دېلو يىپ ئۇچلىرىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەت مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىدى؛ قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق دېلولارنى «ئالدىن قوبۇل قىلىش، ئالدىن تەقسىملەش» مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، «يېشىل يول» ئېچىپ، دېلولارنىڭ كىرىش ئېغىزىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالتاي ۋىلايەتلىك شۆبە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئالماسلىق قارار قىلىنغان، ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىنغان، ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارار قىلىنغان دېلولارغا «قايتا قاراپ چىقىپ»، ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» «مۇناسىۋەت تورى» ۋە قارا، رەزىل جىنايەت يىپ ئۇچىنى چوڭقۇر قېزىپ چىقتى؛ ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى بويىچە دېلو بېجىرىدىغان مەخسۇس بەن قۇرۇپ، مەخسۇس كۈرەش دېلولىرىنى بېجىرىش يولى ئېچىپ، ھەربىر دېلونى ئىلغاپ تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «مۇناسىۋەت تورىنى بۇزۇش، مۇھاپىزەت كۈنلۈكىگە زەربە بېرىش»كە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

  قاراماي، شىخەنزە قاتارلىق جايلار «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس دېلو خىزمىتى مېخانىزمى»نى تۈزۈپ، قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش، تەكشۈرۈش، ئەيىبلەش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردا ھەرقايسى تارماقلارنىڭ يوچۇقسىز ئۇدۇللىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ مەكىت ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، دېلو كېڭىشىش مېخانىزمى قاتارلىق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «مۇناسىۋەت تورىنى بۇزۇش، مۇھاپىزەت كۈنلۈكىگە زەربە بېرىش»كە كۈچ سەرپ قىلىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىگە تۈرتكە بولۇشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

  كېيىنكى باسقۇچتا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرى «قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىللىككە چېتىشلىق دېلولارنى تولۇق بېجىرىش، مەسىلە يىپ ئۇچىنى بىرىنىمۇ قويماي تەكشۈرۈش»نى نىشان قىلىپ، ئەيىبلەش، سوتلاش «قانۇن جېڭى»نى ياخشى قىلىپ، پۇختا نەتىجە ئارقىلىق بىخەتەر، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ