مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش نىشاننى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى قارارى

2019.05.27 14:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6- يىغىنى 2019- يىلى 5- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 17- كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. بۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇۋاتقان، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈۋاتقان ھالقىلىق مەزگىلدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قازىنىلىۋاتقان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسى قولغا كەلتۈرۈلۈۋاتقان، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتى يەنىمۇ ئوبدان ئىشلىنىۋاتقان ھالقىلىق يىلدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق مەخسۇس مۇھاكىمە خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى. يىغىن جەريانىدا، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى زىچ چۆرىدەپ، «دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت مۇھاكىمە تېمىسىنى چىڭ ئىگىلەپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ ۋە مۇزاكىرە قىلىپ، پائال تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، كەڭ تۈردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  يىغىن مۇنداق دەپ قارىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى داۋاملىق مۇقىم بولدى، ۋەزىيەت سىجىل ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى داۋاملىق ئاشتى، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىندى، پۈتۈن مەملىكەت ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ئىجابىي تۆھپە قوشۇلدى. ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەش تەركىبىدىكى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئاسان قولغا كەلمىگەن مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ ۋە قوغداپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ئومۇمىي پىروگرامما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق، مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە قويغان تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئالدى.

  يىغىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور، تەسىرى چوڭقۇر. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەش تەركىبىدىكى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، باش نىشانغا بويسۇنۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكۈپ، زىممىسىگە ئېلىپ، قولىدا تۇتۇپ، ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قوش يۆنىلىشلىك كۈچەش ئۈستۈنلۈكىنى نامايان قىلىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىشى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشى، تۆھپە قوشۇشى كېرەك. جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش بىلەن مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز ئادەم يوق دەيدىغان ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇش، ھوشيار بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە پائال قاتنىشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى بايرىقى روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك. ساھەدىكى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كەڭ دائىرىدە ئەھۋال ئىگىلەپ جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بېكىتكەن مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئۆز تەسىراتى، جانلىق پاكىتلار، ئاممىباب تىل ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭ ئوبرازىنى ياخشى تىكلەپ، ئاساستىن توغرىلاپ، مەنبەنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يامانغا زەربە، ياخشىغا مەدەت بېرىپ، جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداشتىكى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

  يىغىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئالغا بېسىشىنىڭ ئۇل تېشى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەش تەركىبىدىكى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى مەسىلىلەر ئىچىدە كەلگۈسىگە ئەڭ مۇناسىۋەتلىك بولغىنى يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى ئىستراتېگىيەلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمەت سۈپىتىدە ئوبدان ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ بىردەك باپباراۋەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى پۇختا، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى قانۇن بويىچە كېڭەيتىشى، ئومۇملاشتۇرۇشى، «قوش تىل» مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ياردەملىشىپ، مىللەتلەر ئۆزئارا ئارىلىشىپ ئۆتىدىغان ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش جەريانىدا چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھېسسىياتنى كۈچەيتىش، تۇغقان، دوست بولۇپ ئۆتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك.

  يىغىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەش تەركىبىدىكى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «يېتەكلەش»كە داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلىشى كېرەك. پارتكومغا ھەمكارلىشىپ، دىن خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، «يەتتىنى كىرگۈزۈش» «ئىككى بولۇش» «توققۇزنى سەپلەش» ۋە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا كۆيۈنۈش ۋە ئۇلارنى يېتىشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىنلارنىڭ ئىناقلىقىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دىن ساھەسىدىكى ئەزالار ۋە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، زامانغا لايىق، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇش شەكلىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، سەپسەتىلەرنى دادىللىق بىلەن سۆكۈپ، دىن ساھەسىدىكىلەر ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇشقا، توغرا يول تۇتۇشقا، ئەسەبىيلىكنى توسۇشقا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشقا، تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىي كۈچىنى ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىش، تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە سەرپ قىلىشقا، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

  يىغىن مۇنداق قارىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتەك ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەش تەركىبىدىكى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خەلق ئۈچۈن فۇنكسىيە ئادا قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى زىچ چۆرىدەپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «يەتتە بىر تۈركۈم» ۋە «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئىلگىرى سۈرۈش، «توققۇزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، توغرا ۋە چوڭقۇر پىكىر، قاراشلارنى توپلاپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى بەرپا قىلىشقا كۈچەپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئەڭ قىيىن ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىن مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق تۇرمۇشىنى زىچ چۆرىدەپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش − يېڭى دەۋر شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا يۈكلىگەن مۇھىم مەسئۇلىيەت. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەش تەركىبىدىكى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت تۆت سۆزلۈك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش + 3 + 3 + 1 » خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زور خېيىم - خەتەرنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى چۆرىدەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ساياھەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىلىق خىزمەتنى ئوبدان تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ تەكلىپ - پىكىرلەرنى بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، ئەمەلىي چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە پايدىلىق سىياسەتلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ۋە ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك، ساياھەتچىلىك، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ، تەرەققىيات نەتىجىسىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، شۇ جايغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم كۈچ قوشۇشى، بىرىكمە كۈچنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  يىغىن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەش تەركىبىدىكى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە چاقىرىدۇ!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ