مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«بۇ بىر تۈپ ئۆرۈكنى ئەڭ ئامراق ئوغلۇمغا قالدۇردۇم»

2019.05.27 14:35 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  قومۇل شەھىرى ئاراتۈرۈك ناھىيەسىنىڭ ئاداق يېزىسى سايباغچا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سايىمخان ھوشۇرنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئالتە تۈپ باراقسان ئۆسكەن ئۆرۈك دەرىخى بار بولۇپ، سايىمخان بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېگىز، ئەڭ چوڭ بىر تۈپىنى «ئوغلى» دېڭ لياڭچۇنگە بۆلۈپ بەردى. «بۇ بىر تۈپ ئۆرۈكنى ئەڭ ئامراق ئوغلۇمغا قالدۇردۇم» دېدى 5- ئاينىڭ 16- كۈنى سايىمخان كۈلۈپ تۇرۇپ.

  دېڭ لياڭچۇن ئاداق يېزىسىنىڭ كادىرى، 2017- يىلى ئۇ 66 ياشلىق سايىمخان بىلەن تۇغقانلاشتى. دېڭ لياڭچۇن سايىمخاننىڭ بەش بالىسىنىڭ ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولغانلىقىنى، دائىم ئۆيگە قايتىپ ئانىسىنى يوقلىيالمايدىغانلىقىنى بىلدى. «ئۇرۇق - تۇغقان بولغان ئىكەنمەن، مەن موماينىڭ بالىسى، شۇڭا ئوغۇللۇق مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىشىم كېرەك» دېدى دېڭ لياڭچۇن.

  دېڭ لياڭچۇن سايىمخان بىلەن تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، پات - پات مومايغا گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئاپىرىپ بەردى. سايىمخاننىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بار ئىدى، بۇ دېڭ لياڭچۇننى ئىنتايىن ئەندىشىگە سالدى، شۇڭا ئۇ نەچچە كۈندە بىر موماينىڭ ئۆيىگە بېرىپ يوقلاپ، سالامەتلىك ئەھۋالىنى سوراپ تۇردى.

  دېڭ لياڭچۇننىڭ ئۆيى قومۇل شەھىرىدە بولغاچقا، سايىمخان ئۇنى دائىم ئۆيىگە چاقىرىپ، ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ بېرىدۇ. بۇلتۇر قىشتا، يېزا ياشانغانلارغا بىر توننىدىن كۆمۈر تارقىتىپ بەردى، دېڭ لياڭچۇن بۇنى ئۇققاندىن كېيىن، ئالايىتەن كېلىپ كۆمۈرنى چۈشۈرۈپ، رەتلىك دۆۋىلەپ بەردى.

  «پارتىيەنىڭ ماڭا مۇشۇنداق ياخشى بىر ئوغۇلنى ئەۋەتكىنىگە رەھمەت! ئوغلۇم ئىنتايىن ئەستايىدىل، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن بولۇپ كەتتۇق» دېدى سايىمخان.

  «نەچچە كۈن ئىلگىرى، سايىمخان يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بىر لەۋھە تەقدىم قىلدى، لەۋھەدە سايىمخاننىڭ پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن» دېدى ئاداق يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى جاڭ شياۋجىن.

  ئالدىنقى يىللاردا ئەمىن ئۆي سالغاندا، سايىمخان ھويلىسىنىڭ ئالدىغا ئالتە تۈپ ئۆرۈك كۆچىتى تىككەن بولۇپ، ھازىر راسا مېۋىلەش مەزگىلىگە كىردى. 5- ئاينىڭ باشلىرىدا، سايىمخان بەش بالىسى ۋە دېڭ لياڭچۇننى ئۆيىگە چاقىرىپ، ئۇلارغا: «ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى ئالتە تۈپ ئۆرۈكنى بىرىڭلارغا بىر تۈپتىن بېرەي، ئەڭ ئېگىز، ئەڭ چوڭ ئاۋۇ تۈپى دېڭ لياڭچۇننىڭ» دېدى.

  5- ئاينىڭ 10- كۈنى، دېڭ لياڭچۇننىڭ يۆتكىلىپ كېتىدىغانلىق خەۋىرىنى ئۇققاندىن كېيىن، سايىمخان دېڭ لياڭچۇن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جياۋزى ئېتىپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويدى. سايىمخان: «ئوغلۇم، سىزنىڭ كېتىشىڭىزگە ھەقىقەتەنمۇ كۆزۈم قىيمايدۇ، سىز قەيەرگىلا بېرىڭ، بۇ يەر مەڭگۈ سىزنىڭ ئۆيىڭىز» دېدى.

  «ئاپا، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ. يۈرىكىم ئاشۇ ئۆرۈك دەرىخىگە ئوخشاش ئاللىقاچان مۇشۇ يەردە يىلتىز تارتىپ بولدى» دېدى دېڭ لياڭچۇن ئۈنى بوغۇلغان ھالدا.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ