مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 70 كەسپىي ئورۇن 2431 نەپەر خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدۇ

2019.05.24 15:25 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي): يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 70 كەسپىي ئورۇن جەمئىيەتتىن ئاشكارا 2431 خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلماقچى. 1- تۈركۈمدىكى 34 ئورۇن 1310 خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، تىزىملاش پات ئارىدا ئاخىرلىشىدىكەن، 2-تۈركۈمدىكى ئىش ئورۇنلىرىغا تىزىمغا ئالدۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، تىزىملاتماقچى بولغانلار 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان خادىم قوبۇل قىلىدىغان ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلاردىن 70نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كەسپىي ئورۇنلارغا 2431 خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش پىلانلانغان، بۇلار ئومۇمەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىشتات ئىشخانىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان كەسپىي ئىشتات ۋە ئىش ئورنى ئىكەن.

  بۇ قېتىملىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كەسپىي ئورۇنلارغا خادىم قوبۇل قىلىش ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنگەن بولۇپ، تۇنجى تۈركۈمدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قاراشلىق كەسپىي ئورۇن ۋە ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق كەسپىي ئورۇندىن 34ى كەسپىي ئورۇن خىزمەتچى خادىمىدىن 1310 نى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان. خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدىغان ئورۇنلار شىنجاڭ سىفەن داشۆ، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نازارىتى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈرلۈك گېئولوگىيە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسى قاتارلىقلار.

  2-تۈركۈمدە خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدىغان ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قاراشلىق كەسپىي ئورۇن ۋە ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق كەسپىي ئورۇندىن 36سى كەسپىي ئورۇن خىزمەتچى خادىمىدىن 1121نى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان. قوبۇل قىلىدىغان ئورۇنلار سانجى شۆيۈەنى، شىنجاڭ ساقچى مەكتىپى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئۇچۇر مەركىزى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، شىنجاڭ ئورمانچىلىق پىلانلاش يۇرتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش خىزمەت ئورۇنلىرى ئوقۇتقۇچى، يېتەكچى، كادىرلار ئىشلىرى مەخسۇس خادىمى، پارتىيە قۇرۇلۇشى مەخسۇس كادىرى، كەسپىي تېخنىكا خادىمى، بۆلۈم خادىمى، مۇخبىر، مالىيە خادىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلار خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىدىغان ئىش ئورۇنلىرىنىڭ جىنس، مىللەت، ياش، ئوقۇش تارىخى، (ئىلمىي ئۇنۋان)، كەسىپ، نوپۇس تەۋەلىكى ۋە باشقا چەكلەش خاراكتېرلىك شەرتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىش ئورنىنى تاللاپ ئىمتىھانغا تىزىملىتىشى كېرەك. خىزمەت ئورنى ئۇچۇرىدىكى ياش چەكلىمىسى ۋاقتى، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشتا پايدىلىنىش مۇندەرىجىسى قاتارلىقلار يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش زۆرۈر بولغان شەرتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى ساھە، كەسىپلىرىگە مەسئۇل تارماقلار ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئېلان قىلغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

  تەپسىلاتىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتىگە كىرىپ كۆرۈڭ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ