مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل شىنجاڭ ئىچىدە 100 ساياھەت مەخسۇس پويىزى قاتنىشىنى يولغا قويىدۇ

2019.05.24 15:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى شىنجاڭ ئىچىدە 100 ساياھەت مەخسۇس پويىزى قاتنىشىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە سەككىزى قاتناشقا باشلىغان.

  شىنجاڭ تۆمۈريول ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ تىڭفېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى بۇ يىل كۆپ لىنىيەلىك ئېسىل ساياھەت مەخسۇس پويىزى لىنىيەسىنى ئاچىدۇ: جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭ چوڭ ئايلانما لىنىيەلىك ساياھەت مەخسۇس پويىزى قاتنىشىنى يولغا قويۇپ، ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئارقىلىق جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدىكى مەنزىرە رايونلىرىنى تۇتاشتۇرۇشنى؛ شىمالىي شىنجاڭ + تۇرپان يۇقىرى دەرىجىلىك ساياھەت مەخسۇس پويىزى قاتنىشىنى يولغا قويۇپ، تۆت كىشىلىك يۇمشاق كارىۋاتلىق ئايرىمخانا ھەم بىر كىشىلىك ئايرىمخانا تەسىس قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەردىكى ئازادىلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى؛ تۆمۈريول، تاشيول، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ساياھەت لىنىيەسىنى ئېچىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىشنى؛ تارباغاتاي يۆنىلىشىدىكى ساياھەت مەخسۇس پويىزى قاتنىشىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ ساياھەت مەخسۇس پويىزى بىلەن تولۇق قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى لەنجوۋ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنى ئاساسىي غول، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنى ئىككى قانات قىلغان تېز سۈرئەتلىك قاتناش تورىغا تايىنىپ، «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى چوڭقۇر بەرپا قىلىپ، «شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش» «جەنۇبىي شىنجاڭنى راۋان ساياھەت قىلىش» «ئاجايىپ ئوت يۇرتى» قاتارلىق ساياھەت پويىزلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن يولغا قويۇپ، «ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تۇتاشتۇرۇلغان، ساياھەتچىلەر سەپەرگە چىقىشتا ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرىدىغان، ساياھەت پويىزى ئومۇميۈزلۈك ئايلىنىپ يۈرىدىغان» «تۆمۈريول + ساياھەت» يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلغان.

  شىنجاڭ ئىچى ساياھەت پويىزى قاتنىشىنى يولغا قويۇشتىن باشقا، بۇ يىل شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يەنە ئىچكىرى جايلاردىكى تۆمۈريول تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىچكىرى جايلاردىكى ساياھەت مەخسۇس پويىزلىرىنىڭ شىنجاڭغا قاتنىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىدۇ، نۆۋەتتە، ئىچكىرى جايلاردىكى نۇرغۇن ئۆلكە ساياھەت مەخسۇس پويىزلىرىنىڭ شىنجاڭغا قاتنىشىنى يولغا قويۇش پىلانىنى بېكىتتى.

  خۇاڭ تىڭفېن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى شىنجاڭدىن چىقىدىغان ساياھەت لىنىيەلىرىنى يەنىمۇ بېيىتىدۇ، كېينكى يېرىم يىلدا شياڭگاڭ - جۇخەي - ئاۋمېن، گۇيلىن - گۇيياڭ يۆنىلىشىدىكى ساياھەت مەخسۇس پويىزى ھەمدە يازلىق تەتىل مەزگىلىدە بېيجىڭ، داليەن، چىڭداۋ يۆنىلىشىدىكى ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭدىن چىقىپ ساياھەت قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ