مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەرلىك پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى مەخسۇس رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ تۈزەشنى قانات يايدۇردى

پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ھەقىقىي قوغدالدى

2019.05.24 15:01

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى يەرلىك پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ساھەسىدىكى قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاز سوممىلىق قەرز پۇل بېرىش شىركىتى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك شىركىتى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە شىركىتى، گۆرۈخانا قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە مەخسۇس رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇنسىز يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش، «سىرتماق قەرز» قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تۈزەپ، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ھەقىقىي قوغدىدى.

  «قارا كۈچلەر بولسا قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىك بولسا رەزىللىكنى تۈگىتىش، قالايمىقانچىلىق بولسا قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش» تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزدى. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە، قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق مەسىلىدىن ئالتىسى دەسلەپكى قەدەمدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلگەن، بۇ، بىر مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك شىركىتىنىڭ قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق مەسىلىسى، بىر ئاز سوممىلىق قەرز پۇل بېرىش شىركىتىنىڭ «سىرتماق قەرز»گە چېتىشلىق مەسىلىسى، تۆت ئاز سوممىلىق قەرز پۇل بېرىش شىركىتىنىڭ قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشقا چېتىشلىق مەسىلىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، جىنايەت يىپ ئۇچى شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

  تۈرلۈك سودا ئورۇنلىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، تىجارىتى قېلىپلاشمىغان سودا ئورۇنلىرىنى «بىر ئورۇنغا بىر تەدبىر» قوللىنىش پىرىنسىپى بويىچە تۈزەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون بويىچە «سودا مەركىزى، سودا بازىرى، سودا ئورنى» قاتارلىق ناملارغا چېتىلىدىغان كارخانىلارنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى، تىجارەت سالاھىيىتى ھازىرلىمىغان، لېكىن بەلگىلىمىگە خىلاپ سودىنى ئەمەلىي قانات يايدۇرغان كارخانىلارنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ تىجارەت قىلغان ئاپپاراتلارنى چەكلىك مۇددەتتە تۈزەتتى، كەسىپ تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز قېلىپلاشتۇردى، كەسىپلەرنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەۋەلىك بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)لەرنىڭ قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش يوشۇرۇن خەۋپىنى باسقۇچلار بويىچە كۈچەپ تۈگەتتى؛ قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشقا چېتىشلىق ئېلان، ئۇچۇر قاتارلىقلارنى مەخسۇس رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۈنۈملۈك تۈگەتتى؛ تۈرلۈك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى يەرلىكنىڭ پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ