تۆھپىكار باغۋەنلەر مۇكاپاتلاندى

ئاۋات ناھىيەسىدە تۇنجى نۆۋەتلىك سىنىپ مۇدىرلىرى بايرىمى تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2019.05.22 16:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاۋات ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ھەسەنجان مەمتىلى خەۋىرى، فوتوسى) 2019-يىلى 5- ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىدە تۇنجى نۆۋەتلىك سىنىپ مۇدىرلىرى بايرىمى تەقدىرلەش يىغىنى ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.

  تەقدىرلەش يىغىنىدا، ناھىيە رەھبەرلىرى بىرىنچى سەپتە جاپالىق ئىشلەۋاتقان 520 مۇنەۋەر سىنىپ مۇدىرىنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن مۇكاپاتلىدى. تەقدىرلەش يىغىنىدىن كېيىن، ناھىيە رەھبەرلىرى 800دىن ئارتۇق سىنىپ مۇدىرى بىلەن بىرلىكتە سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىپ، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك سىنىپ مۇدىرلىرى بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاۋات ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىنى سىنىپ مۇدىرلىرى بايرىمى كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ