مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

قەشقەردىن بېيجىڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 6-ئايدا ئېچىلىدۇ

2019.05.21 12:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ-قەشقەر بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدىكەن، بۇ، قەشقەرنىڭ بېيجىڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان تۇنجى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئىكەن.

  خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېچىلغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى CA 1897/8 بولۇپ، ھەر ھەپتىدە تۆت قېتىم قاتنايدۇ، بوئىن B738 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇچىدۇ. نۆۋەتچى ئايروپىلان 19:35دە بېيجىڭدىن ئۇچىدۇ، ئەتىسى 00:45تە قەشقەرگە يېتىپ بارىدۇ، ئۇچۇش ۋاقتى 5 سائەت 10 مىنۇت بولىدۇ، نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر ھەپتىنىڭ 1-، 3-، 5-، 7-كۈنلىرى ئۇچىدۇ؛ قايتىش نۆۋەتچى ئايروپىلانى 1:30دا قەشقەردىن ئۇچىدۇ، سائەت6:00دە بېيجىڭغا يېتىپ بارىدۇ، ئۇچۇش ۋاقتى 4 سائەت 30 مىنۇت، نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر ھەپتىنىڭ 1-، 2-، 4-، 6-كۈنلىرى بولىدۇ. يولۇچىلار جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ APP، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە باش تورى ۋە ھەر قايسى ئايروپىلان بېلىتى سېتىش ۋاكالەت نۇقتىلىرى ئارقىلىق ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋالسا بولىدۇ.

  قەشقەر «بەش پورت ئېغىزى، سەككىز دۆلەتكە تۇتاشقان، بىر يولدا ياۋرو-ئاسىياغا ئۇلىنىدىغان» رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇپ، بېيجىڭ-قەشقەر بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ساياھەت بوغما ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن رايون، پۈتۈن پەسىللىك ساياھەتچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ