موڭغۇلكۈرەدىكى سۇلۇق يەرنىڭ باش يازدىكى گۈزەل مەنزىرىسى

2019.05.21 12:15 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  ئىختىيارىي مۇخبىر لى ۋېنۋۇ ، ليۇ ۋەنخۇڭ خەۋىرى: باش يازدىكى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى تېكەس دەرياسى بويىدا ئوت-چۆپلەر بولۇق ئۆسۈپ، دەريا سۈيى ئىككى قىرغاقتىكى ئىككىلەمچى ئورمانغا تارىلىپ، قاراكۆل سۇلۇق يېرىنىڭ ئۈستىدىكى ئەتىيازلىق-كۈزلۈك چارۋىچىلىق مەيدانىغا ئېقىپ كىردى، توپ-توپ ئىلى ئاتلىرى چارۋىچىلىق مەيدانىدا ئەركىن قىيغىتىشاتتى، كەڭ كەتكەن يايلاق گويا ياپيېشىل گىلەمگە، تاغ جىلغىسىدىكى قازاق چارۋىچىلارنىڭ ھەرخىل شەكىلدىكى كىگىز ئۆيلىرى خۇددى پورەكلەپ ئېچىلغان ئاق قار لەيلىسىگە ئوخشايتتى، تىنچ ، ئەركىن يايلاۋاتقان ئاتلار قارىماققا كۈچلۈك ھەم ساغلام كۆرۈنەتتى، گۈزەل مەنزىرە نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرنى ساياھەت قىلغاچ سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ