شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم تۇز كارسىت يەر شەكلى بايقالدى

2019.05.21 12:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  باي ناھىيەسىدە بايقالغان «تاشتۇز چوڭ ئازگىلى» (5- ئاينىڭ 9- كۈنى تارتىلغان). (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ جىڭ فوتوسى)

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ جىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى گېئولوگلار باي ناھىيە بازىرىنىڭ 23 كىلومېتىر غەربىي شىمالىدىكى تاغلىق رايوندا، تاشتۇز چوڭ ئازگىلى ۋە تۇز كارسىت ئۆڭكۈرى ھالىتىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان تۇز كارسىت يەر شەكلىنى بايقىدى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى قېتىم بايقالغان تۇز كارسىت يەر شەكلى ھېسابلىنىدۇ.

  «مېنىڭ گېئولوگىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا 30 يىل بولدى، مۇشۇنداق تىپىك تۇز كارسىت يەر شەكلىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، بۇ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئاز ئۇچرايدۇ» دېدى شىنجاڭ گېئولوگىيە قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسى 8- گېئولوگىيە چوڭ ئەترىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى فەن تىڭبىن.

  تاشتۇز چوڭ ئازگىلىنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 150 مېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 60 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 50 مېتىر. ئۇچلۇق، چىڭ، مۇستەھكەم تۇز تاش ئورمىنى ئازگالغا خۇددى قىلىچتەك سانجىلغان، قىلىچ بىسى ئاسمانغا قاراپ تۇرغان بولۇپ، كۆرگەن كىشىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىدۇ.

  «بۇ چوڭ ئازگال ئەڭ دەسلەپتە بەلكىم بىر كىچىك شارقىراتما ۋە ۋارونكىسىمان ئۆڭكۈر بولۇپ، زور مىقداردىكى تۇز تەركىبى يەر ئۈستى سۈيى تەرىپىدىن ئېرىپ يالىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يەر ئاستى سۈيى سىستېمىسى تەرىپىدىن ئېقىتىپ كېتىلگەچكە، شارقىراتما ۋە ۋارونكىسىمان ئۆڭكۈر ئۈزلۈكسىز ئولتۇرۇشۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا تاش ئورمان مەنزىرىسى شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىن» دېدى فەن تىڭبىن.

  چوڭ ئازگال بىلەن ئارىلىقى تەخمىنەن بىر كىلومېتىر كېلىدىغان بىر تىك قىيادا يەنە بىر تۇز سىتالاكتىتتىن شەكىللەنگەن تۇز كارسىت ئۆڭكۈرى بار. كارسىت ئۆڭكۈرىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 500 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، تۇز سىتالاكتىت، تۇز گۈل، تۇز بامبۇك، تۇز قىراۋ، تۇز تۈۋرۈك، تۇز چوققا ئورمىنى قاتارلىق ھالەتلەر بار. مۆلچەرىي ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، ئۆڭكۈردە تەخمىنەن 1000 تال تۇز سىتالاكتىت بولۇپ، ئۇلار ئاق رەڭلىك كىرىستال شەكلىدە، ئەگرى - بۈگرى ھالدا ئۆڭكۈرنىڭ تورۇسىدىن تەتۈر ئېسىلغان ھالەتتە ساڭگىلاپ، مۇنار چوققىسىغا، دەرەخ ئاچىمىقىغا ئوخشاش ھەر خىل ھالەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن.

  «ئېلىمىزدە كۆپ ئۇچرايدىغان كارسىت يەر شەكلى ئادەتتە ھاك تاش يەر قاتلىمىدا كەڭ دائىرىدە يېتىلىدۇ، لېكىن تۇز كارسىت تاشتۇز يەر قاتلىمىدا يېتىلىدۇ.» فەن تىڭبىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «تاشتۇزنىڭ ئالاھىدە سۇدا ئېرىشچانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ شەكىللىنىش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇپ كەتمەيدۇ، ئاساسىي جەھەتتىن 100 يىلنى بىرلىك قىلغان بولىدۇ. مەيلى تەركىبىي قۇرۇلمىسى ياكى شەكىللىنىش ۋاقتى بولسۇن، ھەممىسى جەنۇبىي رايونلاردىكى كارسىت يەر شەكلى بىلەن ناھايىتى چوڭ پەرقلىنىدۇ».

  شەكىللىنىش سەۋەبى توغرىسىدا فەن تىڭبىن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: تۇزلۇق سۇ ئۆڭكۈر دىۋارىدىن سىرغىپ چىققاندىن كېيىن، تۆۋەنگە تېمىش جەريانىدا قۇرغاق ئىسسىق ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ناترىي خىلورىد ئۈزلۈكسىز كىرىستاللىشىپ، تىنىپ، بىر قاتار كۇب كىرىستال ھاسىل قىلىپ، تەدرىجىي توپلىنىپ، بىز كۆرگەن تۇز سىتالاكتىتنى شەكىللەندۈرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، تارىم ئويمانلىقى يىراق قەدىمكى دەۋردە بىپايان دېڭىز بولۇپ، تەخمىنەن 70 مىليون يىل ئىلگىرىكى بور دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە دېڭىز سۈيى تەدرىجىي چېكىنىپ، نەچچە قېتىم دېڭىز سۈيىنىڭ ئىچكىرىلەپ كىرىشى، چېكىنىشىنى تەكرار باشتىن كەچۈرۈپ ئەڭ ئاخىرىدا بىر قانچە تۇزلۇق كۆلگە ئۆزگەرگەن. تەخمىنەن بۇنىڭدىن 25 - 20 مىليون يىل ئىلگىرى، پىژغىرىم ئىسسىق كىلىماتنىڭ تەسىرىدە تۇزلۇق كۆل كۈچلۈك پارلىنىپ، شىددەت بىلەن تارىيىپ، تۇزلۇق سۇنىڭ توپلىنىشى، قويۇقلىشىشى ۋە ئەتراپتىكى تاغلىق رايونلاردىكى تاغ جىنسلىرىنىڭ يىمىرىلىشىگە ئەگىشىپ، ئېلېكتىرولىتلار ئۈزلۈكسىز كۆلگە قوشۇلۇپ، ئاخىرىدا لاتقا جىنسلار ۋە كالتسىيلىق قۇم تاش ئارىلاشقان تاشتۇز يەر قاتلىمىنى شەكىللەندۈرگەن. باي ناھىيەسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىگە جايلاشقان، دەل مۇشۇنداق گېئولوگىيەلىك شارائىتتىلا تۇز كارسىت يەر شەكلى مەنزىرىسى شەكىللەنگەن.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ