مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي يېڭىدىن «شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»نى ئوتتۇرىغا چىقاردى

1000 پارچە (گۇرۇپپا)دىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تارىخى بايان قىلىندى

2019.05.20 15:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 18- كۈنىدىكى «خەلقئارا مۇزېي كۈنى»دە، «مەدەنىيەت تۈگۈنى بولغان مۇزېي: ئەنئەنىۋى كەلگۈسى» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي بىر قاتار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ بىر تەرەپتىن يېڭى كۆرگەزمىنى كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن دۆلەت گۆھىرىنى ئىزدەپ، قويۇق ئەنئەنىۋى ۋە زامانىۋى كەيپىيات ئىچىدە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتتى.

  شۇ كۈنى، بۇ مۇزېي «شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي تارىخى كۆرگەزمىسى»نى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەندىن كېيىن، «شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»نى يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مەۋقەنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا قويۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىز تومۇرى بىلەن شىنجاڭ تارىخىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەگە سىڭدۈرۈپ، كونا تاش قوراللار دەۋرىدىن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان توقۇلما بۇيۇملار، قەغەز، كۆن - خۇرۇم، ياغاچ جابدۇق، ساپال بۇيۇم قاتارلىق 1000 پارچە (گۇرۇپپا)دىن ئارتۇق تۈرلۈك مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى كۆرگەزمە قىلدى، ئېلېكتىرونلۇق ئېكران، ئەقلىي ئويۇن، ھەمتۈرتكىلىك ئويۇن قاتارلىقلارنى قىستۇرۇپ، تاماشىبىنلارنى جانلىق، قىزىقارلىق شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تارىخىغا نىسبەتەن ئومۇميۈزلۈك چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش، دەپ باھالانغان جېمىنەي تۇڭتيەندۇڭ خارابىسى، كۇچا دوستلۇق يولىدىكى جىن سۇلالىسى 16 بەگلىك دەۋرىدىكى خىش قەبرە قاتارلىق خارابىلەردىن قېزىۋېلىنغان تۈرلۈك ساپال بۇيۇم، ھۆججەت ۋە نەپىس كىمخاب، تام رەسىمى قاتارلىق 105 پارچە (گۇرۇپپا)دىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى تۇنجى قېتىم ئاممىغا كۆرگەزمە قىلىندى.

  «تام رەسىمدىكى ھېكايە» ــــ كۈسەن تام رەسىملىرىنى قۇراشتۇرۇش مۇسابىقىسىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 81- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4- يىللىقىدىكى 20دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بىر تەرەپتىن رەسىملەرنى قۇراشتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن كۈسەن تام رەسىملىرىدىكى ھېكايىلەرنى چۈشىنىپ، تارىخىي مەدەنىيەت بىلىمىنى ئاشۇردى.

  «مەن ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا دۆلەت گۆھىرىنى ئىزدەيمەن» پائالىيىتى كۆپلىگەن تاماشىبىننى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. ئۇلار كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى نەچچە مىڭ پارچە مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئىچىدىن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش پىروگراممىسى «دۆلەت گۆھىرى» ئىككىنچى قىسمىدا تونۇشتۇرغان ئۈچ دۆلەت گۆھىرى مەدەنىيەت يادىكارلىقى، يەنى شايى كىيىملىك رەڭلىك نەقىشلىك ياغاچ ھەيكەل، «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش ئەختەر، ئوتتۇرا ئىقلىمغا نەپ يېتەر» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن كىمخاب يەڭلىك ۋە فۇشى نۈۋانىڭ كۆرۈنۈشلۈك شايى رەسىمىنى تېپىپ چىقىپ، ھەربىر مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ ئارقىسىدىكى تارىخىي ھېكايىنى ئەستايىدىل ئوقۇدى، يەنە ھاياجانلىنىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، سۈرەتنى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاپ، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنى ئۆز تەسىراتلىرىدىن بەھرىلەندۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ