مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى تەستىقلاندى

پۈتكەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىن كورلىغا بارىدىغان تاشيول مۇساپىسى تەخمىنەن 170 كىلومېتىر قىسقىرايدۇ

2019.05.20 15:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا شىنجاڭنىڭ تەڭرىتېغىدىن ھالقىپ جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم يولى — G0711 ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتى ش ئۇ ئا ر تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتتى.

  ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 318 كېلومېتىر 500 مېتىر بولۇپ، قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولى قىلىنىپ لايىھىلەنگەن. بۇ تۈر ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك ئايلانما يولى (غەربىي لىنىيە)سىنىڭ غەربىي تاغ جەنۇبىي ئۆتۈشمە يولىدىن باشلىنىپ، بەيياڭگۇغا بېرىپ، بالغۇنتاي ئارقىلىق كېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرقى نۇقتىسى لوپنۇر ئەتراپىدا ئاخىرلىشىدۇ. پۈتۈن لىنىيەدە جەمئىي 20 تونىل، 117 كۆۋرۈك بار بولۇپ، كۆۋرۈك، تونېل نىسبىتى %40.37كە يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تەڭرىتاغ غالىبىيەت تونېلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 21 كىلومېتىر 970 مېتېرغا يېتىدۇ.

  بۇ تۈرگە 46 مىليارد 462 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىش مۆلچەرلەندى. پۈتۈن لىنىيە بويىچە قۇرۇلۇش مۇددىتى ئالتە يىل بولىدۇ. پۈتكەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىن كورلىغا بارىدىغان تاشيول مۇساپىسى تەخمىنەن 170 كىلومېتىر قىسقىرايدۇ.بۇ تۈر دۆلەت تاشيول تورى G7 بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئۈرۈمچىدىن چاقىلىققا بارىدىغان لىنىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە رايون ئەۋزەللىكى بايلىقىنى ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ