گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

2019.05.17 16:02 مەنبە: خەلق تورى

  گولمۇد-كورلا تۆمۈريولى شىنجاڭ بۆلىكىنىڭ ئالتۇنتاغ تونىلى ئىچىدىكى تونىل ئىچىدە شامال ئۆتۈشۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان شامالدۇرغۇچ (5- ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياز پەسلى كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى. گولمۇد-كورلا تۆمۈريولى جۇڭگودىكى شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىشتىكى 3-تۆمۈريول لىنىيەسى بولۇپ، تۆمۈريولدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، كورلىدىن گولمۇدقا بولغان مۇساپە 26 سائەتتىن 12 سائەتكە قىسقىرايدۇ. شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ئالتۇن تاغ تونىلى گولمۇد- كورلا تۆمۈريولىدىكى بىرىنچى ئۇزۇن تونېل، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 13.195 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئېگىز قۇملۇق چۆل-باياۋانغا جايلاشقان. قۇرۇلۇش قىلغۇچى خادىملار كىلىمات مۇھىتى ناچار بولۇش، گېئولوگىيەلىك مۇھىتى مۇرەككەپ بولۇش قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قۇرۇلۇشنىڭ تەرەققىياتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ