مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

«گۇۋاھنامىنىڭ ئازايتىلىشى» بىلەن «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش» ئىلگىرى سۈرۈلدى

شىنجاڭدا 48 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق ئىسپات ماتېرىيالى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

2019.05.16 15:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالىتىنىڭ مەمۇرىي تەستىق ۋە جامائەت مۇلازىمىتى ئىشلىرىدىكى 48 تۈرلۈك ئىسپات ماتېرىيالىنى، جۈملىدىن تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەق تاپشۇرۇش خاتىرىسى، ئۆلۈم ئىسپاتى، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئىسپاتى قاتارلىقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى. ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سۇپىسى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ، توردا ياكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىستېما ئارقىلىق «گۇۋاھنامىنى ئازايتىش»، «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش»نى كۆرۈۋالسا بولىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان 48 تۈرلۈك ئىسپات ماتېرىيالى توختام تەكشۈرۈش، مەكتەپ قۇرۇشنى تەستىقلاش، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ نورمال (ياكى كېسەل سەۋەبىدىن) پېنسىيەگە چىقىشىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىستاژىنى بېكىتىش، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدا قازا قىلغانلارنىڭ تەمىناتىنى تەكشۈرۈش، ئىشچى-خىزمەتچىلەر كەسپىي ماھارەت ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىش، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ خىزمەت ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى قاتارلىق 40 نەچچە ئىش بېجىرىش تۈرىگە چېتىلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئالاقىدار كەسىپلەرنى بېجىرگەندە، بۇ خىل ئىلگىرىكى ئىسپات ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ ھاجىتى يوق.

  مەسىلەن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بىر قېتىملىق خىزمەت ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشقا توغرا كەلسە، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا بېرىپ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئىسپاتى چىقىرىپ كېلىشى، مېيىپلەر يەنە مېيىپلەر بىرلەشمىسى تارماقلىرىغا بېرىپ، مېيىپلىق ئىسپاتى چىقىرىپ كېلىشى كېرەك ئىدى.

  يەنە مەسىلەن، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ياكى كارخانىلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلسا، مۇناسىۋەتلىك ئىسپات بىلەن تەمىنلەشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇنىڭدىن كېيىن پەقەت ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى ئىچكى سىستېمىسىدا تەكشۈرۈش ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئارا تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنى تەكشۈرۈپ بىلىشكە بولىدۇ، ئۆزى ئىسپات چىقىرىپ بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ