چېڭدۇلۇق قىز قەشقەردە ئىگىلىك تىكلىدى

2019.05.15 17:57 مەنبە: خەلق تورى

  «كۆپچىلىك قاراڭلار، بۇ «لى لى چايخانىسى»نىڭ خوجايىنى جاڭ ساشا چېڭدۇدىن كەلگەن قىز، ئۇ ئالدىنقى يىلى قەشقەرگە ساياھەتكە كەلگەندە، بۇ شەھەرنى ياخشى كۆرۈپ قالغان»، 5-ئاينىڭ 8-كۈنى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا ساياھەت ئاپتوموبىلى چايخانىنىڭ ئالدىدىن ئاستا-ئاستا ئۆتكەندە، ساياھەت يېتەكچىسى ساياھەتچىلەرگە شۇنداق دەپ تونۇشتۇردى.

  2017-يىلى 25 ياشلىق جاڭ ساشيا تۇنجى قېتىم قەشقەرگە كەلدى، قەدىمىي شەھەرنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مەنزىرىسى، كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان مەززىلىك تائاملىرى، ئاددىي-ساددا ئۆرپ-ئادەتلىرى ئۇنىڭ ئېسىدىن چىقمىدى. چېڭدۇغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇ ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسىلىق خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، قەشقەرگە كېلىپ بۇ «لى لى چايخانىسى» دەپ ئاتىلىدىغان ئىچىملىك دۇكىنىنى ئاچتى.

  جاڭ ساشيانىڭ ئىچىملىك دۇكىنى نۇرغۇن ئاھالىلەر ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. نۇرغۇن ياشلار بۇ يەرگە كېلىپ، بىر ئىستاكان ئىچىملىك بۇيرۇتۇپ، بىر نەچچە پارچە سۈرەتكە چۈشۈپ، ئاندىن ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە ھۇزۇرلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە «لى لى چايخانىسى» توردىكى مودا ئىچىملىك دۇكىنىغا ئايلاندى.

  جاڭ ساشيا مۇخبىرغا: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساياھەتچىلىكى ناھايىتى جانلىق بولغاچقا، سوداممۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى. ھازىر قەشقەرگە كېلىپ ئىگىلىك تىكلەيدىغان ياشلار بارغانسېرى كۆپەيدى، مەن ئۇلارغا ئوخشاش قەشقەردىكى ھەر بىر كۈندىن ئالاھىدە ھۇزۇرلىنىمەن. مەن بۇ يىل ئۇيغۇر دوستلىرىمدىن ئەنئەنىۋى يەرلىك ماروژنى ياساشنى ئۆگەنمەكچى ھەمدە يەنە بىر ماروژنى دۇكىنى ئاچماقچى»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ