مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

بىڭتۈەن ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى 190 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىنى تونۇشتۇردى

2019.05.15 17:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ بىڭتۈەن تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، بىڭتۈەن بۇ يىل سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېقىندا، 192 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان 226 نۇقتىلىق تۈرنى ئاشكارا تونۇشتۇرغان.

  سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئومۇمىي مىقدارى ۋە سۈپىتىدە تەرەققىياتقا بۆسۈش خاراكتېرلىك تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بىڭتۈەن بۇ يىل «بىڭتۈەننىڭ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، يوشۇرۇن كۈچى زور، يېتەكلەش كۈچى كۈچلۈك تۈرلەرنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلدى.

  بۇ تۈركۈم سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش نۇقتىلىق تۈرلىرى توقۇمىچىلىق، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش، يېڭى ماتېرىيال، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق كۆپ ساھەگە چېتىلىدۇ، بەزى تۈرلەر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شى، ئۆمەكلەرنىڭ تەرەققىياتى، كەسىپ بىلەن شەھەرنى بىرلەشتۈرۈش، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بىر قەدەر كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىغا ئىگە. 1-شى ئارال شەھىرى 1 مىليارد 650 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان ئۈچ چوڭ توقۇمىچىلىق كەسىپ تۈرىنى تونۇشتۇرۇپ، توقۇمىچىلىق- كىيىم-كېچەك شەھەرچىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلماقچى بولدى. مەۋقەنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە كۈچەپ ھۇجۇم قىلىشقا قويۇپ، 14-شى كۈنيۈ شەھىرىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە بازىسى تۈرى، چىلاننى ئىنچىكە پىششىقلاش تۈرىنى نۇقتىلىق تونۇشتۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى تۈرىگە 800 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىنىپ، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك، ئەسلىھەلىك كۆكتات سورتلىرى قاتارلىق 400 تۈر كىرگۈزۈلۈپ، 200 خىلدىن ئارتۇق يېڭى تېخنىكا يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ كېڭەيتىلىدۇ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا شىركىتىدىن بەشى جەلپ قىلىنىدۇ. ۋۇجياچۈ شەھىرى بۇ يىل سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشتا شەھەر-بازار ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، شەھەر ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىق تۈرلەرنى نۇقتىلىق تونۇشتۇردى. يېقىندا، بۇ شى، شەھەرنىڭ 3 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان 27 نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى، بۇ قۇرۇلۇش سانائەت، مۇھىت ئاسراش، ئايلانما ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

  بىڭتۈەننىڭ ھەر قايسى شى، شەھەرلىرى تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە مۇلازىمەت كاپالىتىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتتى. 12-شى سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشتا، كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا يار-يۆلەك بولۇش، مۇكاپاتلاش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، 4-شى كۆكدالا شەھىرى تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىشىگە ياردەم بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ