ئۈرۈمچىدىكى «1-ماي» شىڭگۇاڭ كەچلىك بازىرىدا، كىشىلەر ئۆچرەتتە تۇرۇپ كاۋاپ قاتارلىق نازۇ-نېمەتلەرنى سېتىۋالماقتا (6-ماي تارتىلغان سۈرەت).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قاراڭغۇ چۈشۈپ، نېئون لامپىسى ئاسماننى يورۇتتى، «1-ماي» شىڭگۇاڭ كەچلىك بازىرى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، ئۈرۈمچى «كېچە بولماس شەھەر»گە ئايلاندى.
ئۈرۈمچىدىكى ئىنتايىن داڭلىق، ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان، كۆلىمى ئەڭ چوڭ كەچلىك بازار − «1-ماي» شىڭگۇاڭ كەچلىك بازىرى بۇ يىل 5-ئاينىڭ بېشىدا دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن شەھەر ئاھالىلىرى ۋە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ