مۇخبىرىمىز جىڭ لىجۈن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 5-كۈنى شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا پويىز ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە، بايىنغولىن ئوبلاستى تۆمۈر يولىدا جەمئىي ئۇزىتىلغان يولۇچى 47 مىڭ 88 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 19 مىڭ 261 ئادەم قېتىم ئاشقان. ئېشىش نىسبىتى %69.2 بولۇپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئۇزىتىلغان يولۇچى 11 مىڭ 772 ئادەم قېتىمغا يەتكەن.
«1-ماي» لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ يۇقىرى پەللىسى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى كۆرۈلگەن بولۇپ، شۇ كۈنى بايىنغولىن تۆمۈريولىدا جەمئىي ئۇزىتىلغان يولۇچى 13 مىڭ 883 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5303 ئادەم قېتىم ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %61.8 بولغان.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ