مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

يېزا - كەنتلەردە دەۋر ئۆزگىرىشى بىلەن ئۇچرىشىش

ۋاڭ يۈجاۋ

2019.05.10 16:50 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  20يىل ئىلگىرى، يەردىن كىرىدىغان كىرىم چەكلىك بولغاچقا، تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، بەزىلەر يۇرتىدىن ئايرىلىپ سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولغانىدى. ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقتوقاي يېزىسى قۇمۇشئۆستەڭ كەنتىدىكى ئېزىز بىلەن ئەمەت ئاكا - ئىنى ئەينى يىللىرى كەنتتىن تۇنجى تۈركۈمدە سىرتقا چىققانلار، شۇنداقلا تۇنجى تۈركۈمدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار ئىدى. بۇ، ئەينى يىللاردا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدىكى ئۈنۈملۈك يول ئىدى.

  جەمئىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كەنت يوللىرى بارغانسېرى كېڭىيىش، كېسەك ئۆيلەر خىش ئۆيلەرگە ئۆزگىرىش، پاتقاق يول راۋان يولغا ئايلىنىش، ئاپتوموبىللار ئائىلىلەرگە كىرىش قاتارلىق ئۆزگىرىشلەر قۇمۇشئۆستەڭ كەنتىدە كەينى - كەينىدىن بارلىققا كەلدى. كەنتتە باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى، تېرىقچىلىق بازىسى، توكسىكلىت قۇراشتۇرۇش زاۋۇتى قۇرۇلۇپ، ئۆزىنىڭ كەسپى بار بولۇپ، بۇ دەۋردىكى بېيىشنى ئارزۇ قىلغان كەنتلىكلەرگە تېخىمۇ كۆپ تاللاش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلدى.

  بۇ يەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلىش خۇددى دەۋر ئۆزگىرىشى بىلەن ئۇچراشقانغا ئوخشايدۇ، ئېتىبار سىياسەتلەر ھەممە ئائىلىگە نەپ يەتكۈزدى، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرى كەنتنىڭ ھەممە يېرىگە يەتكۈزۈلدى، كەنتتىكى ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يولى بارغانسېرى كېڭەيدى. ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ھازىر كەنتتىكى ياشلارنىڭ يېڭى تېخنىكا، يېڭى شەيئىلەر بىلەن ئۇچرىشىشى تېخىمۇ كۆپەيدى، پۇرسىتى تېخىمۇ كۆپەيدى، كىشىلىك ھايات قىممىتى تېخىمۇ ئاسان ئىشقا ئاشىدىغان بولدى. بۈگۈنكى كۈندىكى يېزا - كەنتلەر تېخىمۇ مول ھاياتىي كۈچكە تولدى، شۇنداقلا كىشىلەر تېخىمۇ مېھرىنى ئۈزەلمەيدىغان بولدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ