مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى كۆپەيتىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن «ئۈنۈملۈك رېتسېپ» يېزىپ بېرىلدى

ــــ ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسىنىڭ قىزىلتو كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى توغرىسىدا

2019.05.10 16:49

  ■ خىزمەت ئەترىتى شورلۇق يەرنى ياخشىلاش ئارقىلىق، تېرىقچىلىق ئاكتىپلىقى يۇقىرى بولغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پارنىكتا كۆكتات تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام ۋە ياردەم بېرىپ، باشقا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ■ كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتقاندا، كۈچەيتكەندە، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

  ■ بۈگۈنكى كۈندە، قىزىلتو كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىدە ئۆزگىرىش بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنى بارغانسېرى تومپىيىپ، بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىش ئىشەنچى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى.

  چۈشتىن كېيىنكى ئىللىق قۇياش نۇرى ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسىنىڭ قىزىلتو كەنتىگە چۈشۈپ تۇراتتى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت مەيدانىدا قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق جەۋلان قىلىپ تۇراتتى. ياپيېشىل كۆكەرگەن كەنت يولى بويىدا بالىلار خۇشال ئويناۋاتاتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەزىلىرى ئېتىز - قىرلاردا ئىشلەۋاتاتتى، بەزىلىرى ھويلىلاردا ئالدىراش ئىدى. «ھازىر كەنتتە بىكار ئادەم قالمىدى، خىزمەت ئەترىتى كەلگەندىن كېيىن، نۇرغۇن ياخشى ئۇسۇللارنى ئويلاپ تېپىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىشلەش غەيرىتىنى ئاشۇردى» دېدى كەنت ئاھالىسى مەمەتتۇرسۇن ئامانتۇر.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسىنىڭ قىزىلتو كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي ۋەزىپە، ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش دەپ بىلىپ، پۈتۈن قەلبى، پۈتۈن مېھرى، پۈتۈن كۈچى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچى ئارقىلىق، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

  ■ كۆكتات پارنىكى يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كەلدى

  «مەن كۆكتات پارنىكىدا، بۈگۈن بۇ كۆكتات مايسىلىرىنى تىكىپ بولۇشۇم كېرەك، ئۆيگە كەچرەك قايتىپ تاماق يەيمەن» دېدى مەمەتتۇرسۇن تېلېفوندا خوتۇنىغا. تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ پېشانىسىدىكى تەرىنى سۈرتىۋېتىپ، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپلا يەنە پارنىكقا كىرىپ كەتتى.

  ئۇزۇنلۇقى 80 مېتىر، كەڭلىكى سەككىز مېتىر كېلىدىغان پارنىكتا كۆكتاتلار ياپيېشىل كۆكەرگەن بولۇپ، مەمەتتۇرسۇن ھەركۈنى سەھەردە پارنىكقا كېلەتتى، ھەر دائىم شۇ ئىشلىگىنىچە بىر كۈن ئالدىراش بولاتتى.

  «كەنتىمىزدە يەر ئاز، ئىلگىرى ئەھۋالىمىزنى قانداق ئۆزگەرتىشنى بىلمەي، ئۆيدىكى بىر نەچچە قوي، كالىغا تايىنىپ كۈن كەچۈرەتتۇق، كىرىمىمىزمۇ ئاز ئىدى. خىزمەت ئەترىتى كەلگەندىن كېيىن، بىزنى كۆكتات پارنىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلىدى، ھازىر ھەربىر ئائىلىنىڭ ئۆزىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش يولى بار بولدى، كۆپچىلىك ئىشلىگەنسېرى شۇنچە ئىشەنچكە تولدى» دېدى مەمەتتۇرسۇن ھازىرقى تۇرمۇشىدىن ناھايىتى رازى بولۇپ.

  قىزىلتو كەنتى نامرات كەنت بولۇپ، يەرنىڭ شورلىشىشى ئېغىر بولغاچقا، نېمىلا تېرىسا ھوسۇل ئېلىش تەس ئىدى. خىزمەت ئەترىتى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بېيجىڭدىكى بىر پەن - تېخنىكا شىركىتى ھەقسىز ياردەم قىلغان تۇپراق ياخشىلاش دورىسىنى قولغا كەلتۈردى، ئىشلىتىلگەندىن كېيىن شورلۇق يەرنى ياخشىلاشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلىپ، ھەر مو يەرنىڭ ئوتتۇرىچە ھوسۇلى %30تىن ئارتۇق ئاشتى، بۇ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇردى.

  قاراجول يېزىسىدا ئەسلىدە 20 كۆكتات پارنىكى بار بولۇپ، پەرۋىش قىلىشقا سەل قارالغانلىقتىن، ئۈنۈمى ئىزچىل ياخشى بولمىغان، كېيىن تاشلىنىپ قالغانىدى. خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى بىلەن ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى پائال بىرتۇتاش پىلانلاپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن 600 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىپ، 20 كۆكتات پارنىكىنى رېمونت قىلىپ ئۆزگەرتىپ، تېرىقچىلىق ئاكتىپلىقى يۇقىرى بولغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پارنىكتا كۆكتات تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام ۋە ياردەم بېرىپ، باشقا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

  خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى بىلەن ئامالنىڭ بارىچە كۆكتاتلارنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئاتۇش شەھىرىدىكى ھەرقايسى تاللا بازىرى، قاراجول يېزىسىدىكى ھەرقايسى ئورۇن، كارخانا قاتارلىقلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، كۆكتات تېرىغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگەتتى.

  ■ كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىش، كۈچەيتىش

  «ھازىر كەنتىمىزدىكى ئون دۇكاننى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش باشلاندى، 80 كىۋادرات مېتىرلىق 1- دۇكان كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا ئەڭ يېقىن، تۆۋەن باھاسى 10 مىڭ يۈەن...» دېدى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسىنىڭ قىزىلتو كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى لۈ خۇيبىن. باھاسى تۆۋەن، ئورنى ياخشى دۇكانلار نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرىنى قىزىقتۇردى، نەچچە نۆۋەت كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئارقىلىق ناھايىتى تېزلا ئون دۇكاننىڭ ھەممىسىنى كەنت ئاھالىلىرى ھۆددىگە ئالدى.

  «كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتقاندا، كۈچەيتكەندە، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ» دېدى لۈ خۇيبىن.

  ئىلگىرى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئالدىدىكى يىراق بولمىغان جايدا، بىر پارچە قاقاس يەر بار بولۇپ، ياۋا ئوت - چۆپ بېسىپ كەتكەنىدى. خىزمەت ئەترىتى بايلىقلارنى جانلىق ئىشلىتىش ئارقىلىق، 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ، 1800 كىۋادرات مېتىرلىق قاقاس يەرنى ئېچىپ، بەش دۇكان سالدى، يەنە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش دۇكىنىدىن بەشنى كۆپەيتىپ سېلىپ، ئون دۇكاننى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىگە ئىجارىگە بەردى، دۇكان سالغان جاينى يېمەك - ئىچمەك كىچىك بازىرى قىلىپ راۋاجلاندۇرۇپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىپلا قالماي، يەنە نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  كەنت ئاھالىسى قۇرمانباي تۇردىقۇل مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئائىلىمىزنىڭ ئالتە مولا يېرى بار ئىدى، تۆۋەن كاپالەت پۇلىغا تايىنىپ كۈن كەچۈرەتتۇق. راڭپىزا دۇكىنى ئاچقاندىن كېيىن، سودىمىز ئىنتايىن ياخشى بولدى، مەن يەنە زەنجىرسىمان دۇكان ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، باشقا نامرات ئائىلىلەرنىڭمۇ نامراتلىقتىن تېزرەك قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمەن».

  2016- يىلى، قىزىلتو كەنتىنىڭ كوللېكتىپ كىرىمى ئاران 26 مىڭ يۈەن ئىدى، قىسقىغىنا ئىككى يىلدا، خىزمەت ئەترىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، 2018- يىلىنىڭ ئاخىرى كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمى 214 مىڭ يۈەنگە يەتتى؛ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 9707 يۈەن بولۇپ، 2017- يىلىدىكىدىن %38.5 ئاشتى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى %100كە يەتتى.

  ■ كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى

  كەنت ئاھالىسى ئىسلامباي تۆمۈرنىڭ ئارقا ھويلىسىدا، 200 چۈجە چۇرۇقلىشىپ بىر يەرگە جۇغلىشىپ كۆكتات يوپۇرماقلىرىنى يەۋاتاتتى، ئىسلامباي بىر چەتتە قاراپ ئولتۇراتتى، كۆزلىرىدىن خۇشاللىق چىقىپ تۇراتتى. «خىزمەت ئەترىتى بىز نامراتلارنى چۈجە بىلەن تەمىنلىدى، چۈجىلەر چوڭ بولغاندىن كېيىن خىزمەت ئەترىتى مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىپ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا ساتىدۇ، ھەربىر توخۇنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى 70 يۈەن، شۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمەن». ئىسلامباي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر كەنتتە كۈندە بىر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنى بەختلىك ھېس قىلماقتا».

  قىزىلتو كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەخت تۇيغۇسى خىزمەت ئەترىتىنىڭ پۇختا خىزمەت قىلغانلىقىدىن كەلگەن.

  كەنتتە كالا، قوي گۆشلىرىنى سېتىش تەس بولغاندا، خىزمەت ئەترىتى شۇ جايدىكى گۆش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلايدىغان كارخانا ۋە ئىچكىرىدىكى كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، مال تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالاپ، كالا، قوي گۆشلىرىنى گۇاڭدۇڭ ۋە خۇبېي قاتارلىق جايلارغا ساتتى؛ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يول يۈرۈشىگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن خىزمەت ئەترىتى يېزا - كەنت تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بەش كىلومېتىر ئاسفالت يول ياسىتىپ بەردى؛ يەرگە سۇ كەمچىل بولغاندا، ئوتلاقنى سۇغىرىش تەس بولغاندا، خىزمەت ئەترىتى ئۆستەڭ ياسىتىپ، ئېتىزلارغا، ئوتلاقلارغا سۇ باشلىدى؛ كەنت كومىتېتى ھويلىسىغا كەنت بويىچە تۇنجى مۇھىت ئاسراش ھاجەتخانىسى سېلىپ بەردى...

  بۈگۈنكى كۈندە، قىزىلتو كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىدە ئۆزگىرىش بولدى، كەنت ئاھالىلىرى پاكىز، چىرايلىق ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، توكسىكلىت، پىكاپلار كەڭ ئاسفالت يوللاردا غۇيۇلداپ يۈرىدىغان بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنى بارغانسېرى تومپىيىپ، بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىش ئىشەنچى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ