مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئاقسۇ ۋىلايىتى قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ تىرىشىپ ئىناق، مۇقىم مۇھىت ياراتتى

2019.05.10 16:48

 شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياڭ شۇخەن، مېھرىگۈل غوپۇر، ئىختىيارىي مۇخبىرى ليۇ شاۋچيەن خەۋەر قىلىدۇ: قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى خىزمەت تەپەككۇر يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، خىزمەت تەدبىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدە باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھازىرغىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئەدلىيە ئورگانلىرى قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق بىر تۈركۈم دېلونى رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلدى، دېلوغا چېتىشلىق 28 مىليون 740 مىڭ يۈەن مال - مۈلۈكنى پېچەتلىدى، توڭلاتتى، تۇتۇپ قالدى.

  ئىگىلىنىشىچە، مەخسۇس كۈرەش قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى باشتىن - ئاخىر قارا، رەزىل كۈچلەر جىنايىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، «ئۈچنى تەكشۈرۈش، ئۈچنى تېپىش، ئۈچنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق ھالدا بىناكارلىق ساھەسى، ئامباردا ساقلاش - ئەشيا ئوبوروتى، توپ سېتىش بازىرى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى قاتارلىق قارا، رەزىل كۈچلەر ئاسان پەيدا بولىدىغان نۇقتىلىق سورۇن (ساھە)لارغا قارىتا تۈزەش ئېلىپ بارغان، مەسىلە يىپ ئۇچىنى تېز سۈرئەتتە ئۆتكۈزۈپ بېرىش، تېز سۈرئەتتە قايتما ئىنكاس قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق مەسىلە ۋە چىرىكلىشىش مەسىلىسى ئۇزاققىچە، چوڭقۇر گىرەلەشكەن دېلولارنى قاتتىق، تېز، ئېغىر تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، «قارا كۈچ»لەرنى يوقىتىشنى «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»گە زەربە بېرىش، «تور»نى بۇزۇپ تاشلاش بىلەن ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى ۋە قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك خىزمەتنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، بىرلەشمە يىغىن، ئۇچۇر يوللاش، نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش، خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ باھالاش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنىڭ ئىنچىكە، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. دىققەتنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، قاتتىق نەپرەتلىنىدىغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ مەركەزلىك تۈزەش ئېلىپ بېرىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاتارلىق بەش كونكرېت خىزمەت لايىھەسىنى تارقىتىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنىڭ كونكرېت ۋەزىپىسى، ئاساسلىق تەدبىرى ھەم ئەزا ئورۇنلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يىپ ئۇچىنى رەتكە تۇرغۇزۇش، قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر قېزىش، ئىنچىكە تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى. رەتلەپ تەكشۈرۈلگەن قارا، رەزىل كۈچلەرگە دەل جايىدا زەربە بېرىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ ئۇلى ۋە تۈرلۈك رەزىل ھادىسىلەرنى يوقىتىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشنى قاتتىق، تېز جازالاپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ چوڭقۇرلۇققا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدىدى.

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ