شىنجاڭ پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتى قۇلۇنلىدى

2019.05.10 16:45 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  (مۇخبىرىمىز ما شاۋبىن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ چېن خەۋىرى): 5-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت ئالتىلەردە، شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزىدىكى جۇڭغار 243-نومۇرلۇق بايتال ئوڭۇشلۇق ھالدا قۇلۇنلىدى. ئۇ بۇ مەركەزدىكى پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتى بۇ يىل قۇلۇنلىغان تۇنجى تايچاق ھېسابلىنىدۇ.

  شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى ۋاڭ چېننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭغار 243-نومۇرلۇق بايتالدا 5-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەردە قۇلۇنلاش ئالدىدىكى ئالامەتلەر كۆرۈلگەن، بايتال قوتاندا توختىماي ماڭغان، ئۇزۇن ئۆتمەي باش سۈيى يېرىلىپ، كەينىدىن ئوڭۇشلۇق قۇلۇنلىغان.

  «بىز كۆزىتىش ئارقىلىق، تايچاقنىڭ تۇغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئورنىدىن تۇرغانلىقىنى ھەمدە تېزلا ئانىسىنى ئەمگەنلىكىنى كۆردۈق». ۋاڭ چېن مۇنداق دېدى: بۇ بىر ئەركەك تايچاق، رەت نومۇرى جۇڭغار 383-نومۇر بولۇپ، بۇ يىل بۇ مەركەزدىكى پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتى قۇلۇنلىغان تۇنجى تايچاق، شىنجاڭنىڭ 6-ئەۋلاد پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتى.

  قوتاندىكى نازارەت قىلىش كامېراسىدىن 243-نومۇرلۇق بايتالنىڭ تايچىقىنى تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن ئىزچىل يېنىدا تۇرۇپ، باشقا ياۋا ئاتلارنىڭ تايچاققا يېقىنلىشىشىغا يول قويمايۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى.

  «33 يىلدىن بۇيان، پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئالتە ئەۋلاد كۆپەيدى. ياۋا ئات مەركىزىدە تۇغۇلغان بۇ تۇنجى تايچاق بۇ يىلقى ياۋا ئاتلارنىڭ كۆپىيىش مەزگىلىگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.» ۋاڭ چېن مۇنداق دېدى: پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتىنىڭ كۆپىيىش پەسلى 5-ئاينىڭ بېشىدىن 9-ئايغىچە داۋاملىشىدۇ.

  شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ما شىنپىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىلقى تۇنجى تايچاق تۇغۇلغاندىن كېيىن، بۇ مەركەزدىكى پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتىنىڭ سانى كۆپىيىپ 90 تۇياققا يەتكەن. 2018-يىل 5-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان كۆپىيىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتى 37نى قۇلۇنلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە قوتاندا بېقىلغان ياۋا ئات 11نى، يېرىم تارقاق بېقىلغان ياۋا ئاتلار ئالتىنى، دالىغا قويۇۋىتىپ بېقىلغان ياۋا ئاتلار 20نى قۇلۇنلىغان.

  « بىز قوتاندا بېقىش كۆلىمىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىپ، دالىدا قويۇپ بېرىپ بېقىش سالمىقىنى ئىزچىل ئاشۇرۇش تەلىپى بويىچە، چەت ئەلدىن ياۋا ئاتلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق يېقىن تۇغقانلار ئارا كۆپىيىش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ، تۈر توپىنى ياخشىلاپ، ئىرسىيەت كۆپ خىللىقىنى ئۆستۈرۈپ، تۈر توپىنى ساغلام، ياخشى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرىمىز» دېدى ما شىنپىڭ.

  5-ئاينىڭ 3-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتىنىڭ قويۇپ بېرىپ بېقىلىدىغان توپىدا ئۈچ تايچاق تۇغۇلغان.

  2018-يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن دۇنيادىكى پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتى تەخمىنەن 2000 تۇياقتىن ئاشتى، ئۇنىڭ سانى مۈشۈكئېيىقتىنمۇ ئاز. ئۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭدىكى ياۋا ئات تۈر توپىنىڭ سانى 411 تۇياق بولۇپ، دۇنيا ياۋا ئات سانىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ