مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار مۇلازىمەت سۇپىسى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ بازارنى جانلاندۇردى

2019.05.10 15:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ماي ئۈرۈمچىدە 500گە يېقىن كىچىك، مىكرو كارخانا قاتناشقان تۇتاشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، پائالىيەت نەق مەيدانىدا كارخانىلار ئۆزئارا نۇرغۇن ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ۋە كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەتنى «ئىش بېجىرىش كوپىراتىپى __ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار مۇلازىمەت سۇپىسى» تەشكىللىگەن، بۇ مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلغىنىغا بىر يىلغا يېقىن بولغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 2000گە يېقىن كىچىك، مىكرو كارخانا توپلانغان، بىر ئىجتىمائىي، ئاممىۋى سۇپىدىن تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى سەككىز ئىجتىمائىي، ئاممىۋى سۇپىغا ئايلانغان، ئۈندىدار جامائەت سۇپىسىمۇ ئىنتايىن جانلانغان. «نۆۋەتتە ئىجتىمائىي ئالاقە، ئېلېكتىرونلۇق سودا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان مەزگىل، بىز سۇپا ئارقىلىق ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك، قوشۇمچە كەسىپ، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندۈردۇق، شۇنداقلا ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ياخشى مەھسۇلاتلىرى ۋە تۈرلىرىنى شىنجاڭغا كىرگۈزدۇق»- بۇ مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ مەسئۇلى سۈن چاڭچېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ سۇپا قۇرۇلغاندىن بۇيان، نەچچە يۈز ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىنىڭ بايلىق، مەبلەغ، يول ۋە ئىختىساسلىقلارنى جىپسىلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتتى. چىڭگىل ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ھاكىم چېن خەي شۇ كۈندىكى پائالىيەتكە قاتناشتى. «ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، پۇقراۋى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ مۇلازىمىتى تېخىمۇ جانلىق، بازار يۆنىلىشى تېخىمۇ ئېنىق، ھەرىكەت ئەندىزىسى تېخىمۇ كۆپ خىل بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: چىڭگىل ناھىيەسى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مۇلازىمەت سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ھەر يىلى كارخانىلارنى نەچچە ئونلىغان تونۇشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى، جىغان، كالا گۆشى، قوي گۆشى، ئورگانىك بەرەڭگە قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك، قوشۇمچە كەسىپ، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار نۇرغۇن كارخانىلارنى جەلپ قىلىپ، ناھىيە ئىقتىسادىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ