مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

تەنتەربىيە گىمناستىكىسى ئاشكارا مۇسابىقىسى نېفىت شەھىرى قارامايدا ئېلىپ بېرىلدى

2019.05.08 16:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «خۇامېي لوڭقىسى» 2019-يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ تەنتەربىيە گىمناستىكىسى مەملىكەتلىك ئاشكارا مۇسابىقىسى ۋە مەملىكەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە گىمناستىكىسى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى (شىنجاڭ كوماندىسى)نى تاللاش مۇسابىقىسى 2-مايدىن 3-مايغىچە قاراماي شەھىرى تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، مۇسابىقە ئۈرۈمچى، ئىلى، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 70 نەچچە قوشۇننى جەلپ قىلدى.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى شىنجاڭ تەنتەربىيە گىمناستىكىسى جەمئىيىتى، قاراماي شەھەرلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇردى. شىنجاڭ تەنتەربىيە گىمناستىكىسى ھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لى ۋېيجيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە تاللانغان نەتىجىسى ئەلا بولغان 50 نەچچە ماھىر 6-ئايدا مەركەزلىك مەشىق قىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭغا ۋاكالىتەن 7-ئايدا فوشەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە گىمناستىكىسى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر مەملىكەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە گىمناستىكىسى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ماھىرلىرى 20 نەچچە تۈردە چېمپىيون بولغان ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ