مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەزلىك مەشىق ئەترىتى ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى

شىنجاڭلىق ئىككى توپچى دۆلەتلىك ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا تاللاندى

2019.05.08 16:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى يېڭى بىر قارارلىق دۆلەتلىك ئەرلەر ۋاسكېتبول مەشىق ئەترىتىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باشلىقى قىرانبېك ماقان بىلەن يېڭى يۇلتۇز ئابدۇسالام ئابدۇرېشىت بۇ ئەترەتكە تاللاندى.

  بۇ قارارلىق دۆلەتلىك ئەرلەر ۋاسكېتبول مەشىق ئەترىتى بۇ يىل 8-ئايدىن 9-ئايغىچە ئېلىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن 2019-يىللىق خەلقئارا ۋاسكېتبول جەمئىيىتى ئەرلەر ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى ۋە 2020-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، جەمئىي 20 توپچى تاللانغان. بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسىم توپچىلار ئەمدىلا ئاياغلاشقان CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى پەسىلدىن كېيىنكى سەككىز كۈچلۈك كوماندا ئىچىدىن كەلگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە NBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىن قايتىپ كەلگەن جۇ چى ۋە دىڭ يەنيۈخاڭ، شۇنداقلا NCAA بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى ياش ماھىر جاڭ جېنلىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  CBA ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ۋە 2-بولغان كوماندىن بۇ قېتىمقى مەشىق ئەترىتىگە جەمئىي ئالتە كىشى تاللاندى، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا چېمپىيون گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىن كەلگەن يى جيەنليەن، جۇ پېڭ، رېن جۈنفېي، جاۋ رۈي ۋە 2-بولغان شىنجاڭ كوماندىسىدىن كەلگەن قىرانبېك، ئابدۇسالامدىن ئىبارەت.

  شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن قىرانبېك CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى داڭدار مۇداپىئەچى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇقىم تاشقى سەپتە يىراقتىن ئۈچ نومۇرلۇق توپ چۈشۈرۈش ۋە تېز سۈرئەتتە قايتۇرما زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە. بۇ مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدە، قىرانبېك زەخىملەنگەنلىكتىن ئۇنىڭ مۇسابىقە ھالىتى مۇقىم بولمىغان. لېكىن پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھالىتى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشىشتىكى «روھى شەخس» بولدى، شۇنداقلا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم قىلىش، مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا بولۇپ قالدى.

  ئابدۇسالام يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ «كىچىك يۇلتۇزى» بولۇپ، كۆپ قېتىم دۆلەت كوماندىسىنىڭ ھالقىلىق مۇسابىقىلىرىدە ياخشى ئىپادىسىنى كۆرسەتتى، بولۇپمۇ 2018-يىللىق جاكارتا ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى.

  بۇ مۇسابىقە پەسلىدە CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 23 ياشقا توشمىغان ئابدۇسالام شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ تاكتىكىلىق يادروسىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، جەمئىي 55 قېتىم مەيدانغا چىقتى، ئوتتۇرىچە ھەر مەيدان مۇسابىقە ئويناش ۋاقتى 36 مىنۇت 40 سېكۇنت ۋاقىت ئىچىدە، ئوتتۇرىچە ھەر مەيداندا 18.5 نومۇر ئېلىش، 7.4 گاردىن قايتقان توپنى تالىشىش، 1.8 قېتىم نومۇر ئېلىشقا پاس بېرىش، بىر قېتىم تارتىۋېلىش ۋە 0.8 قېتىم بۆك كىيگۈزۈپ گارغا سېلىشتەك ئىپادە كۆرسەتتى، تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلار ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكىدىن بىر ھەسسە قاتلاندى. بۇ يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئابدۇسالام CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە «ئەڭ يۇقىرى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن توپچى» بولۇپ باھالاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ