باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تارىم دەرياسىنىڭ «ئەتىيازلىق ئوسا» سۈيى قاتتىق ئۇيقۇدىكى بوستانلىقنى «ئويغاتتى»

2019.04.08 14:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر قىش قاتتىق ئۇيقۇدا ياتقان يەرنى «ئويغىتىش» ئۈچۈن پېڭ ئەنشوۋ بىر كېچە - كۈندۈز كىرپىك قاقمىدى. ئوق ئېرىقنىڭ سۈيىدە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئېتىزلىقىنى سۇغىرىشقا ئاخىر نۆۋەت كەلگەنىدى، سۇ ئېتىزلىققا ئېقىۋاتاتتى.

  110 مو سالا ئېتىزنى ئېتىز قىرلىرى ئون نەچچە بۆلەككە ئايرىغانىدى، سۇ ئىشتىنى كىيىپ تىزىغىچە كېلىدىغان سوغۇق سۇدا، پېڭ ئەنشوۋ ھەر ۋاقىت ھوشيار تۇراتتى. بىر كىچىك ئېتىزغا سۇ توشاي دېگەندە، ئۇ بېرىپ كەتمەن (ئوتىغۇچ) بىلەن قىرنى ئېتىپ، سۇنى ياندىكى يەنە بىر ئېتىزغا باشلاش ئۈچۈن قىردىن ئېغىز ئاچتى، سۇ تېزلىكتە بىر قىش ئۇيقۇدا ياتقان ئېتىزغا ئېقىپ كىرىشكە باشلىدى.

  سۇ مەنبەسى قىس بولغان تارىم ئويمانلىقى ھەم ئەتراپتىكى رايونلاردا، ئۇلۇغ سۇ بىلەن ئېتىزلارنى باستۇرۇپ سۇغىرىش ئېنىقلا ئىسراپچىلىق ئىدى. لېكىن بۇ يەردە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، باستۇرۇپ سۇغىرىش ئېتىزلاردا زەينى بېسىپ، نەملىكنى ساقلاشتا ھەم ئىنتايىن زۆرۈر ئىدى. 1991- يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان پېڭ ئەنشوۋ جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش تېخنىكىسىدىكى كۆپ قېتىملىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى باشتىن كەچۈردى، «ئون نەچچە يىل ئىلگىرى بىز ھەممىمىز ئەڭ سۇ تېجەيدىغان سولياۋ يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى قوللانغانىدۇق، لېكىن بىر يىلدا جەزمەن بىر قېتىم باستۇرۇپ سۇغىرىش زۆرۈر».

  جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى بولغان تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا يۈزبەرگەن بۇ ئەتىيازلىق ئوسا سېلىش مەنزىرىسى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇ تەييارلىقى خىزمىتىنىڭ ئىخچام بىر كارتىنىسى، يەنى سۇ تېجەش بىلەن سۇ ئىشلىتىش ئارىسىدا مۇۋاپىق تەڭپۇڭلۇق تېپىش ئىدى.

  پېڭ ئەنشوۋنىڭ ئەتىيازلىق ئوسا سۈيىنى كاپالەتلەندۈرىدىغىنى ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى چالا سۇ ئامبىرى، 1958- يىلى ياسالغان بۇ سۇ ئامبىرى بىر نەچچە قېتىم كېڭەيتىلگەندىن كېيىن ئەتراپتىكى 400 نەچچە مىڭ مو تېرىلغۇ يەرنى دېھقانچىلىق بويىچە سۇغىرىش ۋە 100 مىڭغا يېقىن كىشىنى ئىچىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلەش بۇرچىنى ئۈستىگە ئالغان، ئەمما بۇ سۇ ئامبىرىغا يىغىلىدىغان سۇ مەنبەسى تارىم دەرياسىدىن كېلىدۇ.

  تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان، 50 نەچچە يىل ئىلگىرىلا سۇ ئامبىرى ياسالغان بولسىمۇ، لېكىن بىر مەھەل پېڭ ئەنشوۋ ۋە باشقا ئىشچى - خىزمەتچى ئامما بۇ يەردىكى كۈنلىرىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنىدى.

  «20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا ئىككى چوڭ قۇملۇق بىزنىڭ بۇ يەردە بىر - بىرىگە قوشۇلۇپ كېتەيلا دەپ قالغانىدى.» پېڭ ئەنشوۋ تۇرۇۋاتقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2- شى 31- تۇەنى تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن قۇمتاغ قۇملۇقى ئارىسىغا قىسىلىپ قالغانىدى. تەكلىماكان قۇملۇقى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق، قۇمتاغ قۇملۇقى بولسا گەنسۇنىڭ غەربىي قىسمى بىلەن شىنجاڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان ئۆلكە ئاتلىغان قۇملۇق.

  ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2486 كىلومېتىر كېلىدىغان، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىنى تۇتاشتۇرىدىغان «ئانا دەريا» بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، تارىم دەرياسىنىڭ پۈتكۈل ھەۋزىسى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تېز سۈرئەتلىك تەرەققىياتىنى كۈتۈۋالدى، نوپۇس ۋە ئىقتىساد كۆلىمى نەچچە ھەسسە قاتلاندى، سۇ ئىشلىتىش مىقدارىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ زور دەرىجىدە ئاشتى. لېكىن بىر مەھەل ماسلاشتۇرۇش كەمچىل بولغاچقا، ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىدىغان سۇ تېجەپ ئىشلىتىلمىدى، ئوتتۇرا، يۇقىرى ئېقىندىكىلەرنىڭ سۇ ئىشلىتىش نورمىسىغا چەكلىمە قويۇش تەسكە چۈشكەچكە، تۆۋەن ئېقىنغا كەلگەندە سۇ بارغانسېرى ئازلاپ كەتتى. 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ ئاخىرىلىرىدا ئەھۋال ناھايىتى خەتەرلىك ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى.

  پېڭ ئەنشوۋ ھازىرغىچە ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنسىزلىكنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق: ئەتىياز كېلىشى بىلەنلا سېرىق قۇملار توختىماي بېسىپ كېلىپ، توپا ئۇچۇرۇپ مايسىلارنى سۇندۇرۇۋېتەتتى، 5-، 6- ئايلارغا كەلگەندە، يەنە بىر - بىرلەپ قايتا تېرىشقا توغرا كېلەتتى؛ دۆلەت يولىنى بەزىدە ئىككى چوڭ قۇملۇق «بىرلىشىپ» كۆمۈۋېتەتتى، يوللاردا قاتناش تەسكە چۈشەتتى؛ دەريادىكى سۇ بارغانسېرى ئازايغاچقا، پەقەت قۇدۇق قېزىشقا تايىنىپ تۇزلۇق سۇ ئىچىشكە، بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرىنى قېزىشقا توغرا كېلەتتى؛ ئېكولوگىيە ناچارلىشىپ، چوڭ دائىرىدىكى ئىپتىدائىي توغراقلار قۇرۇپ كېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى... بۈگۈنكى كۈندە 100 مىڭغا يېقىن كىشى ياشاۋاتقان بوستانلىق ئەينى ۋاقىتتا كۆپچىلىك چېكىنىپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان جايغا ئايلىنىپ قالغانىدى.

  ئەھۋالدا 2000- يىلى ئۆزگىرىش بولدى. قىل ئۈستىدە قالغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تېزدىن ياخشىلاش ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى 600 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى باغراش كۆلىدىن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جىددىي سۇ يەتكۈزۈشنى قارار قىلدى. تارىم دەرياسى ھەۋزىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 19 قېتىم سۇ يەتكۈزۈشى ئارقىلىق سۇنىڭ بېشى 14 قېتىم تۆۋەنكى ئېقىندىكى تېتىما كۆلىگىچە يېتىپ باردى. ئەمما جىددىي سۇ يەتكۈزۈش يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، داشىخەيزى سۇ ئامبىرىنىڭ تۆۋىنىدىكى 362 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دەريا يولىدا 1972- يىلىدىن باشلاپ ئۇزاق مۇددەت ئېقىن ئۈزۈلۈپ قالغاچقا، تېتىما كۆلىنىڭ غايىب بولغىنىغا 20 يىلدىن ئاشقانىدى.

  2000- يىلى سۇ باشقۇرغۇچى لى شېڭجيەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇنتۇلغۇسىز بىر يىل بولدى. ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، مۇشۇ يىلدىن باشلاپ سۇ تەقسىم قىلىشتا ئۇنىڭ ئانچە بېشى قاتمايدىغان بولدى، دەريا يوللىرىدىكى سۇلارغا مەجبۇرىي كاپالەتلىك قىلىنىدىغان بولغانىدى. ئالاھازەل شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى سۇ پومپىلىرى، قۇدۇقلار ئىنتايىن قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان بولدى.

  لى شېڭجيەننىڭ غۇۋا تەسىراتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى شۇكى، 2001- يىلى گوۋۇيۈەن تارىم دەرياسى ھەۋزىسىنى يېقىنقى مەزگىللىك ئۇنىۋېرسال تۈزەش تۈرىنى يولغا قويۇشنى تەستىقلىدى، تارىم دەرياسى ھەۋزىسىدە مۇنتىزىم سۇ تېجەش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش، تېرىلغۇدىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، قۇرۇپ قالغان دەريا يوللىرىنى تۈزەش ۋە توسما مۇداپىئە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال تۈزەش تەدبىرلىرى قوللىنىلدى، قۇرۇلۇشقا سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 10 مىليارد 700 مىليون يۈەن خەلق پۇلىدىن ئېشىپ، تارىم دەرياسى ھەۋزىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  تارىمغا باھار كەلدى، قاتتىق ئۇيقۇدىكى بوستانلىق ئەمدى دەرھال ئويغىنىدىغان بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر