باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، گۈزەل شىنجاڭ ئۈچۈن نومۇر قوشايلى

2019.04.08 14:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، «شىنجاڭ گېزىتى»دە خەۋەر قىلىنىشىچە، ئالتاي ۋىلايىتى دۆلەت، ئۆلكە يولى، ساياھەت يولى لىنىيەسىدە ھەر 50 كىلومېتىر ئۆپچۆرىسىگە بىردىن ھاجەتخانا سالغان، شۇنداقلا بەزى ساياھەت رايونلىرىدىكى ھاجەتخانىلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئسسىق سۇ بىلەن تەمىنلىگەن، گىرىم ئەينىكى ئورناتقان. بۇ، ساياھەت شەھەرلىرىنىڭ ئوبرازىنى ئۆستۈرىدىغان، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلايدىغان مۇھىم تەدبىر. پائال ئالغا سىلجىتىلغان بۇ مەيدان «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىللە، يەنە جەزمەن تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىدە گۈزەل شىنجاڭ توغرىسىدا ياخشى تەسىرات قالدۇرىدۇ.

  ساياھەت گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلىنىدىغان، گۈزەللىكتىن بەھرىلىنىدىغان بىر جەريان، بۇ جەرياندا، قولايلىق، پاكىز، كۆركەم ھاجەتخانا گۈزەللىككە نومۇر قوشىدىغان تۈر بولۇشى كېرەك. ھاجەتخانا قالدۇرغان تەسىرات كىشىلەرنىڭ مەلۇم جايغا تۇنجى بارغاندىكى كونكرېت ھېسسىياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ سەپەر ئۈستىدە سانى يېتەرلىك، جايلىشىشى مۇۋاپىق، تازىلىقى ياخشى ھاجەتخانىلار ساياھەتچىلەردە گۈزەل مەنزىرىلەردىن ئازادە ھۇزۇرلىنىش كەيپىياتى پەيدا قىلىدۇ. بەزى ھاجەتخانىلار يەنە گۈزەل مەنزىرە بىلەن يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، مەنزىرە رايونى ئۈچۈن سېھرىي كۈچ قوشىدۇ.

  شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە گۈزەل تاغ - دەريالىرى بار، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا ئۆزگىچە مەدەنىيىتىمۇ بار، بۇ ئىككى گۆھەرگە تايىنىپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشتا تولۇق ئىشەنچىمىز بار. ئەمما شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە قاتناش لىنىيەسى ئۇزۇن، ئۇزاق سەپەردە، ئەگەر ھاجەت قىلىش قولايسىز بولسا، ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭغا بولغان تەسىراتى ئانچە ياخشى بولمايدۇ. خۇددى ئالتاي ۋىلايىتىگە ئوخشاش، نەگىلا بارسا، ساياھەتچىلەر فىزىيولوگىيەلىك ئېھتىياجىنى بىمالال ھەل قىلالىسا، بۇنىڭ ئۈچۈن تەڭلىكتە ھەم خىجالەتچىلىكتە قالمىسا، گۈزەل مەنزىرە ئۈستىگە گۈل چەككەندەك بولىدۇ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن گۈزەل نام تېخىمۇ يىراقلارغا تارقىلىدۇ.

  كونىلاردا «ياخشى ئاتقا ياخشى ئېگەر كېرەك» دەيدىغان گەپ بار، رەتلىك، كۆركەم ھاجەتخانا مەدەنىيلىك گۈزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان كۆزنەك، ئۇ گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئۆلچەملىك سەپلىمىسى بولۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر