باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىپ، تەرەققىيات يۇمشاق مۇھىتى بەرپا قىلىش

− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتقانلىقىدىن خاتىرە

2019.04.08 14:24         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا كارخانا قۇرۇش ۋاقتىنى 8.5 خىزمەت كۈنى ئىچىگە قىسقارتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «تىجارەت ئىجازەتنامىسى بىلەن تىجارەت كىنىشكىسىنى ئايرىۋېتىش» ئىسلاھاتى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىلىدۇ، ئالاقىدار تارماقلار ماسلاشتۇرۇلۇپ، «كۆپ خىل كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىسلاھاتى قاتارلىقلار ئورتاق ئالغا سىلجىتىلىدۇ.

  ■ بۇ يىلنىڭ ئاخىرى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى%50 ناھىيە، شەھەر، رايون «ئالاقە تورى+كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  ■ تەلەپكە ئاساسەن، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئىش تۈرلىرىنى توردا بېجىرىش نىسبىتى %90تىن تۆۋەن بولمايدۇ، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئىش تۈرلىرىنى توردا بېجىرىش نىسبىتى %70تىن تۆۋەن بولمايدۇ.

  «بۇ قېتىم تىجارەت كىنىشكىسىنى بېجىرىشىم بەك تېز بولدى! ھەپتىنىڭ تۆتى ماتېرىيال تاپشۇرغانىدىم، ئۈچ خىزمەت كۈنىدىلا يېڭى تىجارەت كىنىشكىسىنى ئالدىم» دېدى 4- ئاينىڭ 6- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يەككە تىجارەتچى جاڭ يۈنشيا ھاياجانلانغان ھالدا مۇخبىرغا.

  جاڭ يۈنشيا ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بېيجىڭ يولىدىكى خاۋجياشياڭ تاللا بازىرىدا زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى دۇكىنى ئاچاتتى، بۇ يىل 3- ئايدا، ئۇ كەسپىنى ئۆزگەرتىپ ئىچ كىيىم سودىسى قىلدى. «بۇ قېتىم تىجارەت كىنىشكىسىنى بېجىرىشكە بارغاندا، مەن سۈرىتىمنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ئىلگىرى بولغان بولسا، مەن چوقۇم يەنە بىر قېتىم قاترىغان بولاتتىم. ئويلىمىغان يەردىن، ئىش بېجىرگۈچى خادىم ماڭا تىجارەت كىنىشكىسىنى ئالغىلى كەلگەن ۋاقتىمدا تولۇقلاپ تاپشۇرساممۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ماتېرىيالنى تاپشۇرۇپ، تىجارەت كىنىشكىسىنى قولۇمغا ئېلىشقىچە ئالدى - كەينى بولۇپ جەمئىي ئىككى قېتىملا قاترىدىم» دېدى جاڭ يۈنشيا.

  ئىش بېجىرىش ۋاقتى قىسقاردى، مۇلازىمەت پوزىتسىيەسى تېخىمۇ ياخشىلاندى، بىر يەككە تىجارەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن جاڭ يۈنشيا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش ئېلىپ كەلگەن قولايلىقنى ھېس قىلدى.

  «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى. 3- ئايدا، «ئاپتونوم رايوننىڭ 2019- يىللىق <بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش> ئىسلاھاتىنىڭ خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «مۇھىم نۇقتىلار» دېيىلدى) رەسمىي بېسىپ تارقىتىلىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئەلالاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ■ ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك 832 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىقلاش ئىش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، تەڭشەش

  مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ئىسلاھاتى ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى قايتا بەرپا قىلىدىغان، پىچاقنىڭ بىسى ئىچىگە قارىتىلغان ھۆكۈمەتنىڭ بىر مەيدان ئۆز ئىنقىلابى، شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2018- يىلىغىچە، ئاپتونوم رايون شۇ دەرىجىلىك 832 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىقلاش ئىش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، تەڭشىگەن، مەمۇرىي ئىجازەتتىن باشقا تەستىقلاش ئىش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، 328 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىقلاش ئىش تۈرىنى ساقلاپ قالغان. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش تەلىپى بويىچە، كارخانا قۇرۇش، قۇرۇلۇش تۈرلىرى، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش، باج تاپشۇرۇش، قەرز ئېلىش قاتارلىق ساھەلەردە تەستىقلاش ئىش تۈرلىرىنى سىجىل ئازايتىپ، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئىش بېجىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىنى قولايلاشتۇرغان.

  ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، قەيەردە «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى ياخشى قىلىنغان بولسا، شۇ يەردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشى تېز بولدى، شۇ يەردىكى بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى زورىيىپ، تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى.

  2018- يىلى 12- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە بازار سۇبيېكتى 363 مىڭغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.68 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭىدىن كۆپەيگەن تۈرلۈك بازار سۇبيېكتى 46 مىڭ، كۈنىگە ئوتتۇرىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن كارخانا 47، كۈنىگە ئوتتۇرىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن يەككە تىجارەتچى 114 بولدى. بازار سۇبيېكتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇلتۇر ئۈرۈمچى شەھىرى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قولايلىق ئىجازەت مۇھىتى بەرپا قىلدى. بازار سۇبيېكتىنىڭ رەسمىيەتلىرى تولۇق بولسىلا، ئۈچ خىزمەت كۈنىدىلا كارخانا قۇرالايدىغان بولدى.

  كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز نىشان يۆنىلىشىدە، ئېھتىياج يۆنىلىشىدە، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، ئىش تۈرلىرىنى تېخىمۇ ئازايتىپ، تەرتىپلەرنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ھالقىلارنى يەنىمۇ قىسقارتىپ، تەننەرخنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، مۇلازىمەتنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىققا ئىگە تېخىمۇ كۆپ ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  ■ مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىدىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنى چۆرىدەپ، مۇھىم نۇقتىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، ئەلالاشتۇردى.

  «مۇھىم نۇقتىلار»دا ئېنىق قىلىپ مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كارخانا قۇرۇش ۋاقتى قىسقارتىلىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا كارخانا قۇرۇش ۋاقتىنى 8.5 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز يەنە «تىجارەت ئىجازەتنامىسى بىلەن تىجارەت كىنىشكىسىنى ئايرىۋېتىش» ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىدۇ، ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ «كۆپ خىل كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىسلاھاتى قاتارلىقلارنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، كارخانا قۇرۇش ۋاقتىنى يەنىمۇ قىسقارتىدۇ.

  كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە، «مۇھىم نۇقتىلار»دا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بۇ يىل يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن، تەرتىپ ئىخچاملىنىپ، جايىدا ئەلالاشتۇرۇلۇپ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلىدۇ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر شەھەر كۆچمەس مۈلكىنى تىزىملاشتا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئۇچۇرىدىن پايدىلىنىشقا ئېھتىياجلىق بولسا، ئورتاق بەھرىلىنىش ئارقىلىق ئېرىشىدۇ، بارلىق ناھىيە، شەھەر، رايونلار ئادەتتىكى تىزىملاش، رەنىلىك تىزىملاش كەسپىنى بېجىرىش ۋاقتىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئون، بەش خىزمەت كۈنى ئىچىگە قىسقارتىشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، «ئالاقە تورى+كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش»قا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، كۆچمەس مۈلۈكنى رەنىلىك تىزىملاشنى پۈتۈن مۇساپىلىك ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىدۇ. بۇ يىل يىل ئاخىرىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى %50 ناھىيە، شەھەر، رايون «ئالاقە تورى+كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش»نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاشتىكى «توسۇق نۇقتا» ۋە «قىيىن نۇقتا»لارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش ۋاقتىنى ھەقىقىي قىسقارتىدۇ. پۈتۈن مۇساپىلىك، تولۇق قاپلىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، تىرىشىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش ۋاقتىنى 120 خىزمەت كۈنى ئىچىگە قىسقارتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  سۇ، توك، گاز، پار قاتارلىق مۇلازىمەت ساھەسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش داۋامىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى تەستىقلاش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرىدۇ؛ «ئارقىمۇئارقا ئۇلاپ تەستىقلاش»نى «يانداش ئۇلاپ تەستىقلاش»قا ئۆزگەرتىپ، ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى تەستىقلاش ۋاقتىنى 15 كۈن ئىچىگە قىسقارتىدۇ؛ خېرىدار كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قارىتىلغان «نۆل ئىشىك ئالدىغا بېرىش، نۆل تەستىقلاش، نۆل مەبلەغ سېلىش» مۇلازىمىتىنى پائال قانات يايدۇرىدۇ. تۆۋەن بېسىملىق توك بىلەن تەمىنلەش سىغىمچانلىقىنى 160 كىلوۋاتقا (ئۈرۈمچى شەھەر رايونى) ۋە 100 كىلوۋاتقا (باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، رايون) ئۆستۈرگەنلەرگە قارىتا، توك بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى توك سائىتى، سائەت ساندۇقى ھەم يۇقىرىدىكى ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىشنى تولۇق سومما بويىچە ئۈستىگە ئېلىپ، توك سائىتىگە ئالدىن «نۆل مەبلەغ سېلىش»نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يەنە قەرز بېرىش ۋاقتىنى قىسقارتىدۇ. كارخانىلارنىڭ قەرز ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرى تولۇق بولغان ئاساستا، تەستىقلاش ۋاقتى 2018- يىلىدىكى 10 -15 خىزمەت كۈنىگىچە بولۇش ئاساسىدا، ئۈچتىن بىر قىسىمدىن كۆپرەك قىسقارتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ناچار قەرزگە تاقەت قىلىش دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، رەنە بۇيۇم دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، يىغىۋېلىشقا تېگىشلىك ھېسابتىكى مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش كېڭەيتىلىدۇ.

  ■ «بىر قاناتلىق ئىشىك»نى ياخشى قۇرۇپ، «بىر تور»نى ياخشى توقۇش

  ئىچكىرىدىكى تەرەققىي قىلغان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ تەجرىبىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرىدىن تۇتاشتۇرۇپ ئورتاق پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتقاندا، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى ئاز قاترايدىغان قىلغىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭدا ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە، «ئالاقە تورى+ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى» چوقۇم بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يول. ئەمەلىي ھۆكۈمەت ئىشلىرى چوڭ زالىنىڭ «بىر قاناتلىق ئىشىك»ىنى ياخشى قۇرۇش ئارقىلىق، ھۆكۈمەت ئىشلىرى يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمىتى «بىر تور»ىنىڭ ياردىمى بىلەن، ئالدىن تەكشۈرۈپ ۋاكالىتەن بېجىرىش، توردا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، بىرلەشتۈرۈپ تەستىقلاش، بىرلىشىپ تەستىقلاش، مەركەزلەشتۈرۈپ تەستىقلاشنى يولغا قويۇپ، رايون باھالاش قاتارلىق توپلاشتۇرۇلغان مۇلازىمەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىش بېجىرىش ۋاقىت چېكىنى قىسقارتىش، ھەرقايسى ھالقىلاردىكى خىراجەتنى تۆۋەنلىتىش، ئامما، كارخانا ئىش بېجىرگەندە «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، 1- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن توردىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى سىناق تەرىقىسىدە ئېچىلغان، مۆلچەرلىنىشىچە، 5- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن توردا رەسمىي مەشغۇلات قىلىنىدىكەن. تەلەپ بويىچە، بۇ يىل يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئىش تۈرلىرىنى توردا بېجىرىش نىسبىتى %90تىن تۆۋەن بولمايدۇ، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئىش تۈرلىرىنى توردا بېجىرىش نىسبىتى%70تىن تۆۋەن بولمايدۇ.

  ئاپتونوم رايوننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن توردىكى مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىدىن پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز «دەرھال بېجىرىش، توردا بېجىرىش، يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش، بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمەت ئىش تۈرلىرى مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ ھەم ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ «دەرھال بېجىرىش، توردا بېجىرىش، يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش، بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىش تۈرلىرى تىزىملىكىنى تۈزۈپ ئېلان قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)، يېزا، بازار (كوچا) ئۇنىۋېرسال ھۆكۈمەت ئىشلىرى چوڭ زالى مەركەزلىك مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىك باشقۇرۇلىدىغان تارماقلارنىڭ بۇ سىستېمىدا بېجىرىدىغان ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئىش تۈرلىرىنى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي ھۆكۈمەت ئىشلىرى زالىغا كىرگۈزۈپ، مەركەزلىك بېجىرىشكە تۈرتكە بولىدۇ. بۇ يىل يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئىش تۈرلىرى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي ھۆكۈمەت ئىشلىرى زالىغا كىرىپ ئورۇنلىشىپ، «كىرگۈزۈشكە تېگىشلىكلىرىنى جەزمەن كىرگۈزۈش» ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر