باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ئالاقىلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك

2019.04.03 10:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 29- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ئالاقىلىشىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، 2019- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ۋە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى پىلانلاش، قانات يايدۇرۇش، ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق قۇرۇلتىيى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت تايانچ بولىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر قاتنىشىدىغان» نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش خىزمەت ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نىزام چىقىرىش خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ ئىگىلەپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقى ئۈستىدە كۈچ سەرپ قىلىپ، يىللىق نازارەت قىلىش پىلانىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇن - نىزاملارنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشى، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ئامما بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزلۈكسىز قويۇقلاشتۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىگە قاتنىشىشىنى كېڭەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلىرىنىڭ بېجىرىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شۇ دەرىجىلىك پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، شەكىلۋازلىق ۋە چېكىدىن ئاشقان ئىسراپچىلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ھەم داغدۇغىلىق، تەنتەنىلىك، ھەم ئەمەلىي، تېجەشلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش قويۇق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئالاقىلىشىش، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ھەقىقىي تۈردە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئامما بىلەن ئالاقىلىشىشىدىكى كۆۋرۈك، رىشتە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلاردىكى خەلق قۇرۇلتايلىرى، بولۇپمۇ ناھىيەلىك، يېزىلىق ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدىكى «قانداق قاراش» «قانداق بېجىرىش» «قانداق ئىشلەش» مەسىلىلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا، 14 ئوبلاست، شەھەر، ۋىلايەت ۋە توققۇز ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇلى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جۇ خەيلۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر