باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش تېزلىتىلىدۇ

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز 511 تۈرلۈك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، يېڭىدىن ئىش باشلايدۇ

2019.04.03 10:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 29- كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش بۆلۈمىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش تۈرلىرى لىق يېزىلغان ئىككى ئاق دوسكا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. «بۇ، بۇ يىللىق ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇش سۈرئىتىنىڭ پىلان جەدۋىلى، ھازىر 35 كىلوۋولتلۇق ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان كۆمۈر ئورنىغا توك ئىشلىتىش، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدىكى 40 تۈردە ئىش باشلاندى» دېدى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش بۆلۈمىنىڭ تۈر باشقۇرۇشقا مەخسۇس مەسئۇل خادىمى ليۇ چاڭشېڭ. بۇ يىل، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى 10 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىپ، 511 تۈرلۈك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، يېڭىدىن ئىش باشلايدۇ.

  دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى بۇ يىل جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى، بېيفاڭ پاكىز پار بىلەن تەمىنلەش (كۆمۈر ئورنىغا توك ئىشلىتىش) يۈرۈشلۈك ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى، دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەلەرنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، 750 كىلوۋولتلۇق غول ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدۇ.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشتە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى 2 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى، 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى، نىلقا ناھىيەسى، چىڭگىل ناھىيەسى، جېمىنەي ناھىيەسى، تولى ناھىيەسى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىشنى پىلانلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، داۋاملىق قۇرۇلىدىغان 12 تۈر، يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان 105 تۈر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى بولۇپ، 101 تۈرنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش سۈپىتى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش پىلانلاندى.

  بۇ يىل دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى 6 مىليارد 21 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بېيفاڭ پاكىز پار بىلەن تەمىنلەش (كۆمۈر ئورنىغا توك ئىشلىتىش) يۈرۈشلۈك ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا ئىشلىتىشنى پىلانلىدى، 13 تۈر داۋاملىق قۇرۇلۇپ، 184 تۈردىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىدا يېڭىدىن ئىش باشلىنىپ، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى 211 يېزا - بازار، 1049 كەنت، 316 مىڭ ئائىلىلىك ئاھالىنىڭ كۆمۈر ئورنىغا توك ئىشلىتىش يۈرۈشلۈك ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق تاماملىنىدۇ.

  «ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورى ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ رايونلاردىكى يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ سەۋىيەسى ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئېلېكتىر تورى ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلىشىپ، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىياجىنى ئاساسەن قاندۇرىدۇ» دېدى ليۇ چاڭشېڭ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز 18 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنى قۇرغان بولۇپ، 261 ئېغىر نامرات كەنتنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇش تۈرىنى تاماملىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر