باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت» پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى

مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا

2019.04.03 10:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسى شىمىگۇ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرىش زالىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ئابدۇرېھىم كېرەم ئۆچرەتتە تۇرۇپ نومۇر ئېلىپ، قىزىغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرماقچى بولدى. خىزمەتچى خادىم ئۇنىڭغا: «ئۆچرەتتە تۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، يان تېلېفوندىلا ھەق تاپشۇرالايسىز!» دېدى.

  ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسىنى ئېچىپ، «ئەپچىل ئۇسۇلدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش»نى ئىزدەپ، يان تېلېفون نومۇرى بىلەن تىزىملىتىپ كىرىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش... خىزمەتچى خادىمنىڭ قولمۇقول يېتەكلىشىدە، ئۈچ مىنۇتقا قالمايلا، ئابدۇرېھىم ئوڭۇشلۇق ھالدا قىزىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇپ بولدى. «بۇ بەك قولايلىق ئىكەن، كېيىن مەن ئۆيدە تۇرۇپمۇ بېجىرەلەيدىغان بولدۇم، بۇ يەرگە قاترىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن» دېدى ئابدۇرېھىم خۇشال ھالدا.

  ھازىر، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرىش بارغانسېرى قولايلاشتى. بۇ خىل ھېسسىياتتا بولغانلار يالغۇز ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرىلا ئەمەس. 3- ئاينىڭ 27- كۈنى، يەكەن ناھىيەسى چېڭجۇڭ كوچا باشقارمىسى چىنىباغ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى خەيرىگۈل نىزامىدىن ئائىلە زىيارىتى قىلىپ كەلگەن شۇ جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئاماننىسا غۇلامنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يان تېلېفون ئارقىلىق شىنجاڭ ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت APPسىنى چۈشۈرۈپ، چىراي تونۇتۇش ئارقىلىق پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتى سالاھىيىتىنى دەلىللەشنى تاماملىدى. «ئىلگىرى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بېرىپ بېجىرەتتۇق، ھازىر مەيلى قەيەردە بولۇشتىن قەتئىينەزەر، يان تېلېفون بولسىلا تاماملىغىلى بولىدۇ، بەكمۇ قولايلىق!» خەيرىگۈل ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى.

  مۇخبىر شىنجاڭ ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت APPسىنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقتى، تىزىملىتىپ سىستېمىغا كىرگەندىن كېيىن، شەخسنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئۇچۇرى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىسچوتى، كېسەلخانىدا داۋالىنىش راسچوتى، ئىجتىمائىي كاپالەت تەمىناتىنى دەلىللەش بويىچە چىرايىنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنىڭ ھەممىسى ئېچىلدى، يەنە ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ئىلتىماس قىلغىلى بولدى. ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى بولسىلا، پەقەت يان تېلېفون بىلەنلا، ئالاقىدار سۈرۈشتۈرۈش كەسپىنى بېجىرگىلى بولاتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ گوچىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭ ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت APPسى بىر خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇلازىمەت APPسى بولۇپ، ئۇ بولسىلا، پۇقرالار ھەرقانداق جايدا، ھەرقانداق ۋاقىتتا بارمىقىنى مىدىرلىتىپلا، شەخسنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ئۇچۇرىنى ئالقىنىدىلا تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرالايدىكەن. 2- ئاينىڭ ئوتتۇرىغىچە، شىنجاڭ ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت APPسىنىڭ ئابۇنىچىلىرى 170 مىڭدىن ئاشقان. بۇ APP ئارقىلىق، 40 مىڭغا يېقىن كىشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتى سالاھىيىتىنى دەلىللەشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى بېجىرگەن.

  شىنجاڭ ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت APPسى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنىڭ بىر كارتىنىسى، خالاس. سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئورۇن ۋە سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ قولايلىق، تېز بولغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى «ئالاقە تورى + ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت» 2020 ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ ھەم يولغا قويۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى توردا بېجىرىش سىستېمىسىنى ئېچىپ، ئالاقە تورى تېخنىكىسىغا تايىنىپ، ئورۇن ۋە شەخسلەرگە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تارماقلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. «نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىمنى سانجىدىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كەلدىم، ئەسلىدە ئىككى جايغا نەچچە قېتىم قاترايمەن دەپتىكەنمەن، ئويلىمىغان يەردىن كىملىكنى ئېلىپ، سۇغۇرتا رەسمىيىتى يۆتكىلىدىغان جايغا بىر قېتىم بېرىپلا بېجىرىپ بولدۇم» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ياڭ مېڭ.

  «بۈگۈنكى كۈندە، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئورۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تورىدىكى ئىش بېجىرىش زالىدا 36 تۈرلۈك كەسىپنى بېجىرەلەيدۇ، سۇغۇرتىلانغۇچى يەنە بۇ سىستېما ئارقىلىق ئالاقىدار سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرەلەيدۇ.» ۋاڭ گوچىڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى «كۆزنەكتە بېجىرىش، توردا ئىش بېجىرىش، ئاساسىي قاتلام سۇپىسى، ئاپتوماتىك مۇلازىمەت، تېلېفوندا مەسلىھەت سوراش، كۆچمە مۇلازىمەت» ئالتە تۈر بىر گەۋدىلەشكەن «ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت» مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتتى، بۇ سۇپا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئەمگەك مۇناسىۋىتى قاتارلىق 300دىن ئارتۇق مۇلازىمەت تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا ۋە شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى، شەھەر - بازارلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر، پېنسىيەگە چىققانلار، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر قاتارلىق ھەر خىل كىشىلەر توپىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

  ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى تولۇقلاپ بېجىرگەندە، كارتا ئالماشتۇرغاندا سەل كۈتۈپ تۇرۇپلا ئېلىۋالغىلى بولىدۇ، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى سۈركەپ ھەق تاپشۇرۇش ۋە تەمىناتىنى تارقىتىشتا پۈتۈن مۇساپىلىك ئېلېكتىرونلىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى ئىشلىتىپ دورىخانىدا كودنى سىكاننېرلاپ دورا سېتىۋالغىلى بولىدۇ... «ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر مىللەت ئامما تېخىمۇ قولايلىق مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولدى. «بىز <ئالاقە تورى + ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت>نى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ۋە كەسىپنى ئومۇمىي خىزمەتكە ماسلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى پايدىلىنالايدىغان، ئىشلىتەلەيدىغان، ياخشى ئىشلىتىدىغان ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ئېلىپ كەلگەن قولايلىقتىن تەڭ بەھرىمەن قىلىمىز» دېدى ۋاڭ گوچىڭ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر