باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز

سۈپەتلىك ئوغۇتلار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگىچە يەتكۈزۈپ بېرىلدى

2019.03.26 18:46    مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 

pre
next

 تىيانشان تورى خەۋىرى: «خىزمەت ئەترىتى بولسىلا، ئوغۇت سېتىۋېلىشتىن غەم قىلمايمىز، تېخى ئۆيگىچە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ھەم خاتىرجەم بولدۇق، ھەم كۈچ تېجەپ قالدۇق» چۆچەك شەھىرى ئاچىل يېزىسى چىغانگېر كەنتى ئاھالىسى چيۇۋ شۇجۇڭ لىق ئوغۇت قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ھويلىسىغا كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالماي قالدى.

  جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ سېتىش چەكلىك شىركىتى چۆچەك تارماق شىركىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى سۇڭ شىڭجۈن چاغان مەزگىلىدە ئائىلە زىيارىتى قىلىش ئارقىلىق، نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «قايسى خىلدىكى كۆممىقوناق سورتىنىڭ ھوسۇلى يۇقىرى، باھاسى ئەرزان، قانداق خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ ھەم باھاسى ئەرزان، ھەم سۈپىتى ياخشى...» دېگەندەك مەسىلىلەر ئۈچۈن باش قاتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىگىلەپ، كەنت ئاھالىلىرىگە جۇڭگو نېفىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى سېتىش جەھەتتىكى ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلدى، بۇنىڭدىن كەنت ئاھالىلىرى ھەيران بولۇپ: ئەسلىدە جۇڭگو نېفىتى يەنە ئوغۇت ساتىدىكەن، يەنە كېلىپ مالنى ئۆيگىچە يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن، دېيىشتى. كۆپچىلىكنىڭ ئوغۇتنى خاتىرجەم سېتىۋىلىشى ئۈچۈن، سۇڭ شىڭجۈن مەسلىھەت سورىغان ھەربىر كەنت ئاھالىسىگە ئوغۇت سېتىۋېلىش يولى، مەھسۇلات سۈپىتى، سېتىش باھاسى ۋە مال يەتكۈزۈش ئۇسۇلى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل چۈشەندۈردى. چاغان مەزگىلىدە، ئالدىن ئوغۇت زاكاز قىلغان ئۈچ كەنت ئاھالىسى چاغاندىن كېيىنلا زاكاز قىلغان ئوغۇتلارنى تاپشۇرۇۋالدى، ئوغۇت سۈپىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، يەنە 11 كەنت ئاھالىسى 25 توننا ئوغۇت زاكاز قىلدى.

  كەنت ئاھالىسى جاۋ شۈدۇڭ مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىزنى غەمدىن خالاس قىلىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىمىزدىكى ئەندىشىمىزنى تۈگەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز.»

  خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جۈن دۇڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىگە قەدەم قويدۇق، كەنت ئاھالىلىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە دەل بىز ئەڭ ئېتىبار بېرىدىغان مەسىلىدۇر، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇسى ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، كىرىم ئاشۇرۇپ، بېيىشىغا ياردەملىشىش بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز.» (تارباغاتاي ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن تاڭ شۈدۇڭ، جى جىڭ تەمىنلىگەن)