باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى ھەم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنى كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

2019.02.28 19:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 2-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ ھەم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنى كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، 2-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى يېڭى دەۋردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، ئۇ بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي پوزىتسىيە، پۇختا تەدبىر، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىل بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى چۆرىدەپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى جەھەتتىكى يەرلىك نىزاملارنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىشنىڭ يېتەكچىلىك ۋە تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ نازارەتچىلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزىلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش نىزامى» بويىچە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس تۈر خىزمىتى دوكلاتىنى ئاڭلاش، قاراپ چىقىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ھۆكۈمەت ھەم مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم-كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋەكىللەرنى تەشكىللەپ، مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەھەتتىكى پىكىر- تەكلىپلىرىنى نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئورگانلارنىڭ نامراتلارنى نىشانلىق يۆلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمەت نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلاردىن لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلاردىن مۇتەللىپ قاسىم، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر