باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

1-ئايدا ئىمپورت-ئېكسپورت سودا سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.7 ئاشتى

2019.02.28 19:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىمپورت-ئېكسپورت سودا سوممىسى 13 مىليارد 940 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.7 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.2 ئاشقان، ئىمپورت ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.8 ئاشقان.

  1-ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسى پۈتۈن مەملىكەت رەت تەرتىپىدە 22-ئورۇنغا چىقىپ، ئىككى ئورۇن ئالدىغا ئۆتكەن، ئىمپورت-ئېكسپورتتا ئوخشاشلا ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئىمپورتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى سەۋىيەسىدىن 15.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان پايدىلىق ئامىل بولۇپ قالغان.

  ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا چېگرا ئاز سوممىلىق سودا شەكلىدە ئىشقا ئاشقان ئىمپورت-ئېكسپورت سودا سوممىسى 9 مىليارد 250 مىليون يۈەن بولۇپ، %12 ئاشقان؛ ئادەتتىكى سودا شەكلىدە ئىشقا ئاشقان ئىمپورت-ئېكسپورت سودا سوممىسى 4 مىليارد 340 مىليون يۈەن بولۇپ، %20 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.2 پىرسەنت پوئېنت كۆپەيگەن.

  1-ئايدا، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قازاقىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيە قاتارلىق ئاساسلىق تاشقى سودا بازارلىرىغا بولغان ئىمپورت-ئېكسپورتى كۆرۈنەرلىك ئاشقان، قازاقىستان جۇڭگو شىنجاڭنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھىلىق ئورنىنى داۋاملىق ساقلىغان. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت سودا سوممىسى 5 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، %7.8 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %39.4 ىنى ئىگىلىگەن. قىرغىزىستان، رۇسىيە ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ 2-، 3-چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلىنىپ، ئىمپورت-ئېكسپورت سودا سوممىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %2، %41.2 ئاشقان.

  1-ئايدا، شىنجاڭ ئېكسپورت قىلغان توقۇمىچىلىق يىپ توقۇلما بۇيۇملىرى ھەم مەھسۇلاتلىرى، كىيىم-كېچەك ھەم كىيىم-كېچەك قوشۇمچە ماتېرىياللىرى، ئۆي جاھازىلىرى ھەم زاپچاسلىرى، سومكا-چامادان ھەم قاچا-قۇچا، ئاياغ تۈرلىرى، سۇلياۋ بۇيۇم، ئويۇنچۇق قاتارلىقلارغا ئوخشاش يەتتە چوڭ تۈردىكى ئەنئەنىۋى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن مەھسۇلاتلار 6 مىليارد 560 مىليون يۈەن بولۇپ، %7.9 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ ئېكسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %57.8ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.3 پىرسەنت پوئېنت ئازايغان. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى 590 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 ئاشقان، ئېكسپورت مىقدارى 78 مىڭ توننىغا يېتىپ، %17.3 ئېشىپ، تېز ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن.

  ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 1-ئايدا تاشقى سودىدا تۇنجى ئىشنىڭ غەلىبىلىك باشلىنىشى 2018-يىلى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تاشقى سودا قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرغانلىقىدىن بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى يىللىق ۋە چاغانلىق دەم ئېلىش ئامىلىنىڭ تەسىرىدە، تاشقى سودا كارخانلىرىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتنى چىڭ تۇتۇشى بىلەن، خىزمەت رىتىمى تېزلىشىپ، بايرامدىن بۇرۇنقى سودا ئالاقىسى زىچ، كۆپ بولغان. يەنە بىر تەرەپتىن، بايرام مەزگىلىدە، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ سېتىۋېلىش، ئىستېمال ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۈچىيىپ، ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياج ئېشىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن تاسادىپىي خاراكتېردىكى، يىغىلىش خاراكتېرىدىكى، كۆلەملىك خاراكتېردىكى ئىستېمال نامايان بولۇپ، يىللىق بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى سودا، ئىستېمالنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر