باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لاچىن بايئەكە: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، سادىقلىق بىلەن ۋەتەننىڭ چېگراسىنى قوغداش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى سۈن جې، يۈ تاۋ

2019.02.28 19:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىلاۋە

  2017-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ ۋەكىللەرنى يوقلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشىمىزنى ئىلمىي كۆرسەتكۈچ ۋە تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى باش شۇجىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەرىكىتىدە نەتىجە-ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئەلرايى، خەلق ئارزۇسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئۆز ئىش ئورنىدا يېڭى نەتىجىلەرنى ياراتتى. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، گېزىتىمىز بۈگۈندىن باشلاپ «ۋەكىللەر، ئەزالار ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماقتا» مەخسۇس ئىستونىنى تەسىس قىلىپ، دىققەتنى ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ ۋەزىپە، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش خىسلىتىگە مەركەزلەشتۈرىدۇ.

  2019-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، لاچىن بايئەكە پامېر ئېگىزلىكىدىكى قار-شىۋىرغانغا قارىماي، بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ بولغاندىن كېيىن، قوينىغا ناننى سېلىپ، سومكىسىنى ئېسىپ، چېگرا مۇداپىئە ھەربىيلىرى بىلەن بىرلىكتە تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە يۈرۈپ كەتتى. بۇ يىل چاغاندا ئۇ يەنە ۋەتەننىڭ غەربىي شىمال چېگراسىنى قوغداش يولىغا ئاتلاندى.

  بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن لاچىن تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى بىر چېگرا قوغدىغۇچى. بۇ يەر پامېر ئېگىزلىكىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان، تاغلىق رايوننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى يۇقىرى، يىل بويى قار دۆۋىلىنىپ تۇرىدۇ، مۇھىتى ئىنتايىن ناچار. تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە چېگراغا تۇتىشىدىغان نۇرغۇن تاغ ئېغىزى بولۇپ، بۇ تاغ ئېغىزلىرى چېگرانى قوغداش، چارلاشتىكى نۇقتىلىق رايون.

  20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، ئازادلىق ئارمىيە چېگرا ئېغىزىدا قاراۋۇلخانا قۇرماقچى بولغان، تاغ يولى ئېگىز-پەس، مۇرەككەپ بولغاچقا، لاچىننىڭ بوۋىسى كەلدىبېك دىلدار يەرلىكتىكى تۇنجى خالىس يول باشلىغۇچى بولغان ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېگرا مۇداپىئە ھەربىيلىرى بىلەن بىرلىكتە چېگرانى قوغدىغان. 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ، دادىسى بايئەكە كەلدىبېك داۋاملىق قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە ليەنىنىڭ چېگرا قوغدىغۇچىسى بولۇپ، شۇ ئىشلىگىنىچە 30 نەچچە يىل داۋاملاشتۇرغان.

  2005-يىلى، دادىسىدىن «كۈچ ئۇلاش تايىقى»نى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن باشلاپ، لاچىن بايئەكە چېگرانى قوغداشنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك كەسپى قىلىپ، قارلىق تاغدىن ئايرىلىپ باقمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ھەربىي فورما كىيمەيدىغان چېگرا مۇداپىئە مۇھاپىزەتچىسى، بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى ياخشى قوغدايمىز».

  ئۆتكەن 70 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، بوۋىسى، دادىسى ۋە ئۇنىڭدىن ئىبارەت بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد چېگرا قوغدىغۇچىسىنىڭ چارلاش ئاياغ ئىزى بۇ يەردىكى ھەربىر چېگرا تېشى، ھەربىر تاغ ئېغىزى، ھەربىر دەريا جىلغىسىنى قاپلىدى.

  چېگرا قوغدىغۇچىلار ھەر قېتىمقى چارلاشتا قوتازغا مىنىدۇ ياكى پىيادە ماڭىدۇ، لاچىن ۋە باشقا چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى سىرتقا چىققاندا قېلىن پاختىلىق چاپان كىيىۋالىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە قىش كۈنلىرى قېلىن قار يېغىپ، سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇق بولىدۇ؛ ياز پەسلىدە دائىم «بىر كۈندە تۆت پەسىل بولىدۇ»، بىردەم يامغۇر ياغسا، بىردەم قار ياغىدۇ، بىردەم مۆلدۈر ياغسا، بىردەم ھاۋا ئېچىلىپ كېتىدۇ، ئەگەر ھاۋا رايى ياخشى بولسا، بىر قېتىم چارلاش ئۈچۈن بىر ھەپتە كېتىدۇ، ناچار ھاۋا رايىغا ئۇچراپ قالساق، ئاز دېگەندە يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ.

  «چېگرانى قوغداش دۆلەتنىڭ ئىشى، شۇنداقلا چارۋىچىلارنىڭ ئىشى، دۆلەتنىڭ چېگرا رايونى تىنچ بولمىسا، نەدىمۇ بىز چارۋىچىلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولسۇن». نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان، بوۋىسى ۋە دادىسىنىڭ تەلىمى لاچىننىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەنىدى.

  2018-يىلى، چېگرا قوغدىغۇچى لاچىننىڭ يېڭى سالاھىيىتى بار بولدى، يەنى ئۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولدى. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىلىك مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىش ئۈچۈن، لاچىن نۇرغۇن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونىنى زىيارەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئۇ يەردىكى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىردى، ھەممە كەنتتە يەسلى بار، بالىلار ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولالايدۇ».

  چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىش تىلغا ئېلىنغاندا، لاچىن مۇنداق دېدى: ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا چېگرانى قوغداش تولۇقلىمىسى ئېيىغا ئاران 150 يۈەن ئىدى، ھازىر ھەر ئايدا 2600 يۈەن. چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ مۇشۇ مۇقىم كىرىمى بولغاچقا، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ئىشقا ئاشتى. بۇنىڭدىن باشقا، ھازىر ناھىيەدىكى بارلىق چېگرا قوغدىغۇچىلار دۆلەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تولۇقلىمىسى، ئوتلاق تولۇقلىمىسى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىقلاردىن بەھرىمەن بولدى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا ئىنتايىن زور ياخشىلىنىش بولدى.

  بىر يىلدىن بۇيان، لاچىن يۇرتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىدىمۇ زور دەرىجىدە ياخشىلىنىش بولدى، دەپ قارىدى. «ئىلگىرى بۇ يەردە بەزى كان قېزىش مەيدانلىرى بار ئىدى، چاڭ-توزان ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، نۇرغۇن چارۋىچىلىق مەيدانىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانىدى. ھازىر ناھىيەلىك پارتكومنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، كان مەيدانلىرىنىڭ ھەممىسى ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتتى، ئەسلىدىكى كان قېزىش رايونلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئوت-چۆپ تېرىلدى».

  بۇنىڭدىن سىرت، 2018-يىلى لاچىن يەنە بېيجىڭ، سىچۈەن، شەنشى قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن كۆزدىن كەچۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆگەندى. لاچىن مۇنداق دېدى: بۇ ماڭا 56 مىللەتنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ تونۇتتى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى، بىز ئۆزئارا ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتىمىز، مەدەنىيەت ئەنئەنىمىزنى تونۇشتۇردۇق، مەن يەنە كۆپچىلىككە تاجىكچە ئۇسسۇل ئويناپ بەردىم، «گۈل نېمىشقا بۇنچە قىزىل» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ بەردىم.

  لاچىن مۇنداق دېدى: ھازىر ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىياتى كۈندىن-كۈنگە يېڭىلىنىۋاتىدۇ، پۇقرالار ئېرىشكەن ئەمەلىي نەپمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى، ئەمما بىز خاتىرجەم تۇرغاندا خەۋپ-خەتەرنى ئويلاپ، چېگرانى قوغداش خىزمىتىنى بىر كۈنمۇ بوشاشتۇرۇپ قويماسلىقىمىز كېرەك، بىز ھەر كۈنى چارلاشتا چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل يۇرت-ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 2-ئاينىڭ 20-كۈنى تېلېگراممىسى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر