باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى ھەم كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى

باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك

2019.02.28 19:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: 2-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئاپتونوم رايون تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى ھەم كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، 2019-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جى جېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: 2019-يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەشكىلات خىزمىتىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى قوغداش، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تەشكىلات خىزمىتىنىڭ يېڭى دەۋردە تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي ساپاسىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈپ، تاللاپ ئۆستۈرۈپ، خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن قۇرۇپ چىقىش كېرەك؛ يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، شەھەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر ساھەنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملەشتۈرۈپ، تۈزۈملەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ ئىختىساسلىقلارغا قارىتىلغان سىياسىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە سىياسىي جەھەتتىن قوبۇل قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار بايلىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەقسىملىنىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك؛ ئۆز قۇرۇلۇشىنى قاتتىق كۈچەيتىپ، «سىياسىي جەھەتتە مۇتلەق ئىشەنچلىك، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولغان» تەشكىلات تارماقلىرى ۋە تەشكىلات خىزمىتى كادىرلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە «2022 − 2018-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش يىرىك پىلانى»نى تەشكىللەپ يولغا قويۇش، يېڭى دەۋردە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر