باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە سېپىدە «ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك»بولۇشنى كۈچەيتىش تەربىيە-ئەمەلىيەت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى

تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتى قوشۇنىنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى تەلەپكە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2019.02.28 19:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۈيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: 2-ئاينىڭ 19-كۈنى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە سېپىدە «ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك» بولۇشنى كۈچەيتىش تەربىيە-ئەمەلىيەت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك» بولۇشنى كۈچەيتىش تەربىيە- ئەمەلىيەت خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنىڭ بۇرچ-ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشنى نېگىز قىلىپ، كەسپىي قابىلىيەتنى كۈچەيتىشنى ئاچقۇچ قىلىپ، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشنى جىددىي، مۇھىم بىلىپ، ئېسىل ئىستىل يېتىلدۈرۈشنى ئاساس قىلىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتى قوشۇنىنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى تەلەپكە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلققە يۈز كېلەلىگۈدەك يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك» بولۇشنى كۈچەيتىش تەربىيە-ئەمەلىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇشنى باش ۋەزىپە قىلىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىشتە ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، سىستېمىلىق ئۆگىنىش، يېتىشىپ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا بايرىقى روشەن بولۇش، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش تەلىپىنى تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش، ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشى، قىممەت يۈزلىنىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كەسپىي قابىلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، تەشۋىقات كادىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى «كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئىگە» كەسىپ ئەھلىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تەشۋىقات كادىرلىرىنىڭ ئىزچىل ھالدا ئۆگىنىش ئىستىلىنى توغرىلاش، يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش، يىغىن ئىستىلىنى چىڭىتىش، ئىستىلنى ياخشىلىشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئىنتىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە سېپىدە يېڭى قىياپەتنىڭ نامايان بولۇشىغا، يېڭى كەيپىياتنىڭ جۇش ئۇرۇشىغا، يېڭى نەتىجىنىڭ يارىتىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك» بولۇشنى كۈچەيتىش تەربىيە- ئەمەلىيەت خىزمىتى نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە سېپىدىكى بىر تۈرلۈك ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم تەشۋىقات تارماقلىرى ۋە تەشۋىقات، مەدەنىيەت ئورۇنلىرى سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەربىيە- ئەمەلىيەت خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئىدىيە، ئىقتىدار، ئىستىل جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن ئەمەلىي خىزمەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، تەربىيە- ئەمەلىيەت خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر