باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «2022−2018-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش يىرىك پىلانى»نى بېسىپ تارقاتتى

2019.02.28 19:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «2022 − 2018-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش يىرىك پىلانى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىزچىللاشتۇرۇشنى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كادىرلار قوشۇن قۇرۇلۇشىدىكى باشلامچى خاراكتېرلىك، ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش بولۇپ، ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تەڭداشسىز مۇھىم ئورۇن ۋە رولغا ئىگە.

  «يىرىك پىلان»دا ئومۇمىي تەلەپ، يېتىشتۈرۈش مەزمۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۈرگە، دەرىجىگە ئايرىپ يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، يېتىشتۈرۈش كاپالىتى سىستېمىسىنى كۈچەيتىش، يېتىشتۈرۈش تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، تەشكىلىي رەھبەرلىك قاتارلىق يەتتە جەھەتتە، يېتىشتۈرۈشتىكى يېتەكچى ئىدىيە، ئاساسىي نىشان، مۇھىم كۆرسەتكۈچ، سىناش، باھالاش، يېتىشتۈرۈش ئۈنۈمى قاتارلىقلارغا ئېنىق تەلەپ قويۇلۇپ، يېتىشتۈرۈشنى قانداق ياخشى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا كونكرېت تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «يىرىك پىلان»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش ۋەزىپە قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بويىچە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىش؛ پارتىيەنىڭ تۈپ نەزەرىيە تەربىيەسى، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى، كەسىپلەشتۈرۈش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردىن تۇتۇش قىلىپ، تەربىيەلەش مەزمۇن سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرى ئەزالىرى، ئورگان مەمۇرلىرى قاتارلىقلارنى تۈرلەرگە ئايرىپ تەربىيەلەش كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون «يىرىك پىلان»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، ئوتتۇرا مەزگىللىك ۋە بەش يىللىق خۇلاسىلەش، باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەربىيەلەشتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر