باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‏[بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر] ئارزۇغا ئىنتىلىش يولىدا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش

2019.02.28 19:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  15 مىنۇتتا 300 مىڭ يۈەن پۇلنى قىلچە خاتالاشماي ساناپ بولۇش، بىر مىنۇتتا 80 تال خەت بېسىش، كومپىيۇتېردا قىلچە خاتالاشماي تەقلىدىي كەسىپ بېجىرىش...... بۇ خىل كەسىپ بېجىرىش سۈرئىتى كەسىپنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش ئەمەستەك بىلىنىدۇ، ئەمما، بۇنداق نەتىجە بىلەن شىنجاڭ بويىچە پۇل مۇئامىلە مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولغىلى، مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە ئالدىنقى ئۈچ قاتاردىن ئورۇن ئالغىلى بولىدۇ. بۇ نەتىجىلەرنى تېخى 2014-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى ئۈرۈمچى بېيجىڭ يولى شۆبە بانكىسىنىڭ مالىيە باشقۇرۇش دىرېكتورى پېڭ يۈنلاڭ ياراتتى.

  پېڭ يۈنلاڭ 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇپ، 2014-يىلى داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن سودا-سانائەت بانكىسى ئۈرۈمچى بېيجىڭ يولى شۆبە بانكىسىغا خىزمەتكە چۈشتى. يېشى چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما پېڭ يۈنلاڭ تىجارەت تور نۇقتىسىنىڭ كەسىپ ماھىرى ۋە ئوبراز ۋاكالەتچىسى. تۆت يىللىق خىزمەت جەريانىدا، پېڭ يۈنلاڭ 16 خىلدىن ئارتۇق مۇھىم مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

  شانلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن چەككەن جاپالارنى پېڭ يۈنلاڭ ئۆزىلا بىلىدۇ. ھەر كۈنى باشقىلار ئۆيىگە قايتقاندا، ئۇ ئۆزى يالغۇز قېلىپ كەسىپ بېجىرىشنى قايتا-قايتا مەشىق قىلدى. ئۇ نۇرغۇن كەسىپنى دەپتىرىگە يېزىپ خاتىرىلەپ، بىر نەچچە يىلدا تۆت خاتىرىنى توشقۇزدى. ئۇ: «بۇ جەرياندا رەھبەرلىرىم، ئۇستازلىرىم ۋە ئەتراپتىكى خىزمەتداشلىرىم پۈتۈن كۈچى بىلەن مېنىڭ بۇ يەردىكى ئۆسۈپ-يېتىلىشىمگە ياردەم بەرگەچكە، خىزمەتكە تېزلا ماسلاشتىم» دېدى.

  كەسىپنى پۇختا ئىگىلەش ئۈچۈن، پېڭ يۈنلاڭ كۈچ سەرپ قىلغان بولسا، خېرىدارلار بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئۆز مېھرىنى بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئىشلىگەن پۇكەيلەردە كەسىپ مەشغۇلاتلىرى ئاسان، خېرىدارلار ئاساسەن كارخانىلارنىڭ مالىيە خادىملىرى بولۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش، پاراڭلىشىشمۇ ئاسان ئىدى. مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش دىرېكتورى بولغاندىن كېيىن، ئۇچرىشىدىغان خېرىدارلارنىڭ دائىرىسى كېڭەيدى، ئەھۋاللارمۇ مۇرەككەپلەشتى.

  خېرىدارلار بىلەن دوست بولۇش ئۈچۈن، خىزمەت ۋاقتى چوقۇم «سەككىز سائەت»تىن ئېشىشى كېرەك. پېڭ يۈنلاڭ ۋاقتى-ۋاقتىدا خېرىدارلارغا ئالاقىدار مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىش بىلەن بىللە، يەنە خېرىدارلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىشىپ، خېرىدارلارنىڭ ئويلىغانلىرىنى چۈشەندى. تىجارەت تور نۇقتىسىدىكى «مۇلازىمەت پىكىر دەپتىرى»دە، نۇرغۇن خېرىدارنىڭ پېڭ يۈنلاڭنى ماختاپ: «قىزغىن، دەل جايىدا، ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ» دېگەن باھالىرىنى كۆرگىلى بولاتتى، ئۇ خېرىدارلار ئەڭ ئىشىنىدىغان كىشىگە ئايلانغانىدى.

  تۆت يىلدا، پېڭ يۈنلاڭ تەجرىبە توپلاش جەريانىدا توختىماي بۆسۈش ھاسىل قىلدى. ھازىر، ئۇ ھەر كۈنى تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە خەۋەرلىرىنى كۆرۈپ، پۇل مۇئامىلە ساۋاتلىرىنى ئۆگىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پېشقەدەم خىزمەتچىلەردىن تەجرىبە ئۆگىنىدۇ؛ ئۇ دەپتىرىگە ھەر كۈنى يېڭى بىلىملەرنى خاتىرىلەيدۇ. مەيلى قانداقلا ئورۇندا ئىشلىسۇن، پېڭ يۈنلاڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش يولىدا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر